فىرانسىيەدە جىددىي ھالاتكە قارشى نامايىش ئۆتكۈزۈلدى

فىرانسىيەنىڭ پارىژ ۋە لىيون قاتارلىق شەھەرلەردە ھۆكۈمەتنىڭ جىددىي ھالەتكە مۇناسىۋەتلىك قانۇن تەكلىپىگە قارشى نامايىش ئۆتكۈزۈلدى.

425943
فىرانسىيەدە جىددىي ھالاتكە قارشى نامايىش ئۆتكۈزۈلدى
fransa grev

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: پارىژ ۋە لىيون قاتارلىق شەھەرلەردە جىددىي ھالەتكە قارشى نامايىش ئۆتكۈزۈلدى.

فىرانسىيەدە بۇلتۇر نويابىردا يۈز بەرگەن ھۇجۇملاردىن كېيىن ئېلان قىلىنغان جىددىي ھالەتنىڭ مۇددىتىنى ئۇزارتىش كۈنتەرتىپكە كەلدى.

ھېلىھەم بىكار قىلىنمىغان جىددىي ھالەتنىڭ يەنە 6 ئاي ئۇزارتىلىشىنى مەزمۇن قىلغان قانۇن تەكلىپى 5-فېۋرالدا پارلامېنتتا مۇزاكىرىگە قويۇلىدۇ. بىراق مەزكۇر قانۇن تەكلىپى فىرانسىيە جەمئىيىتىدە قاتتىق غۇلغۇلا قوزغىدى.

پارىژ جۇمھۇرىيەت مەيدانىغا يىغىلغان مىڭلارچە كىشى جىددىي ھالەتكە مۇناسىۋەتلىك قانۇن تەكلىپىگە نارازىلىق بىلدۈردى. پارىژدىن باشقا يەنە 70 شەھەردىمۇ جىددىي ھالەتكە قارشى نامايىش ئۆتكۈزۈلدى.

«جىددىي ھالەتكە قارشىمىز» دېگەن خەتلەر يېزىلغان لوزۇنكىلارنى كۆتۈرۈۋېلىشقان نامايىشچىلار ھۆكۈمەتنىڭ تېررورىزىمغا قارشى كۈرەش يولىدا تاشلىغان قەدەملىرىنى تەنقىدلىدى.

پارىژدا 2015-يىلى نويابىردا 6 يەردە سادىر بولغان ھۇجۇملاردا 130 ئادەم ئۆلگەن، 350 ئادەم يارىلانغانىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر