گېرمانىيەدە كۆچمەنلەر ھۇجۇمغا ئۇچرىدى

گېرمانىيەنىڭ ستۇتگارت شەھىرىگە يېقىن Villingen-Schwenningen رايونىكى 176 كۆچمەن تۇرۇۋاتقان مۇساپىرلار لاگېرى يېرىم كېچىدە نەمەلۇم كىشىلەرنىڭ قول بومبىلىق ھۇجۇمىغا ئۇچرىدى.

425764
گېرمانىيەدە كۆچمەنلەر ھۇجۇمغا ئۇچرىدى
almanya mülteci saldırı

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: بەختكە يارىشا قول بومبىسىنىڭ پارتلىماسلىقى چوڭ پاجىئەنىڭ ئالدىنى ئالدى.

ۋەقەدىن كېيىن مۇتەخەسسىسلەر بومبىنى پاچاقلاپ تاشلىدى.

گېرمانىيە ئىچكى ئىشلار مىنىستىرى بۇ ھەقتە بايانات ئېلان قىلىشىدىن كېيىن ساقچىلار زوراۋانلارنى ئىزدىمەكتە.

يەنە بىر تەرەپتىن، كۆچمەنلەر ۋاقىتلىق باشقا جايغا ئورۇنلاشتۇرۇلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر