دائېش يەمەننى قانغا بويىدى
يەمەننىڭ ئەدەن شەھىرىىنىڭ مۇئەللا ناھىيەسى بىلەن كراتەر ناھىيەسى ئوتتۇرىسىغا جايلاشقان ئەلئۇقبە كونىترول نۇقتىسىدا ئاپتوموبىل بومبا ھۇجۇمى يۈز بېرىپ، 7 كىشى ئۆلدى، 8 كىشى يارىلاندى.
425769
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ھۇجۇمنىڭ جاۋابكارلىقىنى دائېش ئۆز ئۈستىگە ئالدى.
يېقىندا پىرېزىدېنت سارىيى ئەتراپىدا يۈز بەرگەن ۋە 8 كىشىنىڭ جېنىغا زامېن بولغان، 15 كىشىنىڭ يارىلىنىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان ئاپتوموبىل بومبا ھۇجۇمىنىڭ جاۋابكارلىقىنىمۇ دائېش ئۆز ئۈستىگە ئالغانىدى.