ئىشغالچىلارغا قارشى ھەرىكەت باشلاندى

ئامېرىكىدىكى ئىشغالچىلارغا قارشى باشلانغان ھەربىي ھەرىكەتتە بىر ئادەم ھاياتىدىن ئايرىلدى، بىر ئادەم يارىلاندى.

425018
ئىشغالچىلارغا قارشى ھەرىكەت باشلاندى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكىنىڭ ئورېگون ئىشتاتىدا دۆلەتلىك ياۋايى ھايۋانلارنى قوغداش ئىدارىسىنىڭ بىناسىنى ئىشغال قىلىۋالغان نامايىشچىلارغا قارشى، فېدېراتسىيە تەكشۈرۈش ئىدارىسى (FBI) ھەرىكەت باشلىدى.

بىنانى 24 كۈندىن بۇيان ئىگەللىۋالغان قوراللىق نامايىشچىلاردىن بەشى قولغا ئېلىندى. نامايىشچىلارنى تۇتۇش جەريانىدا چىققان توقۇنۇشتا ھاياتىدىن ئايرىلغان ۋە يارىلانغان كىشىلەرنىڭ كىملىكى ھەققىدە ھازىرچە ھېچقانداق مەلۇمات ئېلان قىلىنمىدى. فېدېراتسىيە تەكشۈرۈش ئىدارىسىنىڭ بۇ ھەرىكىتىنىڭ ئىشغالنى ئاخىرلاشتۇرغانلىقى ياكى ئاخىرلاشتۇرمىغانلىقى ھازىرچە ئېنىق ئەمەس. قولغا ئېلىنغانلار خەۋپسىزلىك قىسىملىرى ۋەزىپىسىنى ئىجرا قىلغاندا زورلۇق كۈچ بىلەن قارشىلىق كۆرسىتىش ۋە تەھدىت سېلىش جىنايىتى بىلەن ئەيىبلەندى.

ياۋايى ھايۋانلارنى قوغداش ئىدارىسىنىڭ بىناسى 2 – يانۋاردىن بېرى دۆلەت زېمىنلىرىنى باشقۇرۇش ئىشلىرىنى يەرلىك دېھقانچىلىق مەيدانىنىڭ خوجايىنلىرىغا ۋە ئورمانچىلارغا ئۆتكۈزۈپ بېرىشنى تەلەپ قىلغان بىر قوراللىق گۇرۇپپا تەرىپىدىن ئىشغال قىلىۋېلىنغان ئىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر