ھىندىستان پاكىستان چېگراسىغا تىكەنلىك سىم تارتىشنى مۇزاكىرىلەشتى

ھىندىستان ئىسرائىلىيە بىلەن دۆلەت بىخەتەرلىكى ساھەسىدە يېقىن ھەمكارلىق ئىچىدە بولۇپ، چېگرا لىنىيەسى مەسىلىسىدە ئىسرائىلىيەنى ئۈلگە كۆرسىتىشنى ئويلاشقانلىقى بىلدۈرۈلدى.

425076
ھىندىستان پاكىستان چېگراسىغا تىكەنلىك سىم تارتىشنى مۇزاكىرىلەشتى
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ھىندىستان پاكىستاندىن چېگرادىن قانۇنسىز كىرىش ۋەقەلىرىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن چېگرا لىنىيەسىگە ئىسرائىلىيەنىڭكىگە ئوخشاش يۇقىرى دەرىجىلىك بىخەتەرلىك ئىقتىدارىغا ئىگە تىكەنلىك سىم تارتىشنى پىلانلىماقتا.
ھىنىستان ئاخباراتلىرىدا ئېلان قىلىنغان خەۋەردە بىلدۈرۈلىشىچە، يېقىندىن بۇيان ھىندىستان ھۆكۈمىتى پاكىستان چېگراسىغا يۇقىرى دەرىجىلىك بىخەتەرلىك ئىقتىدارىغا ئىگە تىكەنلىك سىم تارتىشنى مۇزاكىرىلەشكەن.
ھىندىستان ئىسرائىلىيە بىلەن دۆلەت بىخەتەرلىكى ساھەسىدە يېقىن ھەمكارلىق ئىچىدە بولۇپ، مەزكۇر چېگرا لىنىيەسى مەسىلىسىدە ئىسرائىلىيەنى ئۈلگە كۆرسىتىشنى ئويلاشقانلىقى بىلدۈرۈلدى.
ھىندىستان ئىچكى ئىشلار مىنىستىرى راجنات سىڭگنىڭ 2014 – يىلى ئىسرائىلىيە بىلەن غەززە ئوتتۇرسىدىكى چېگرا لىنىيەسىدە تەكشۈرۈشلەردە بولغانلىقى ۋە پاكىستاندىن قانۇنسىز چېگرا ئاتلاش ۋەقەلىرىنىڭ ئالدىنى ئېلىش مەقستىدە ھىندىستانمۇ بۇ ئۇسۇلنى يولغا قۇيۇشنى خالايدىغانلىقىنى تىلغا ئالغانلىقى قەيت قىلىندى.
ئىسرائىلىيەنىڭ چېگرا مۇداپىئە ئەسلىھەلىرىنى كۆزدىن كەچۈرگەندىن كېيىن، راجنات سىڭگنىڭ ئىسرائىلىيە ئارمىيەسىدىنمۇ شۇ ھەقتە مەلۇمات ئالغانلىقى ئۇقتۇرۇلدى.
يەنە بىر تەرەپتىن، ئىسرائىلىيە باش مىنىستىرى بىنيامىن نېتانياھۇنىڭمۇ ھىندىستان بىلەن چېگرا بىخەتەرلىك تېخنىكىسىنى ئورتاقلىشىشنى خالايدىغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلدى.


مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر