خىتايدا بىر كۆمۈر كاندا يۈز بەرگەن ئاپەتتە 17 كىشى ئۆلدى
خىتايدا بىر كۆمۈر كان قۇدۇقىدا ئوت ئاپىتى يۈز بېرىپ، 17 كىشى ئۆلدى.
413373
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: شىنخۇا ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، خىتاينىڭ شەرقىي شىمالىغا جايلاشقان لياۋنىڭ ئۆلكىسىنىڭ خۇلۇداۋ شەھىرىدىكى شىڭلى ﻛﯚﻣﯜﺭ ﻛﺎﻥ ﻗﯘﺩﯗقىدا يۈز بەرگەن ئوت ئاپىتىدە قاپسىلىپ قالغان 23 ئىشچىدىن 13 ى نەق مەيداندا، 4 ى دوختۇرخانىدا قازا قىلغان. يارىلانغان 6 كىشىنى داۋالاش ئىشلىرى داۋاملىشىۋاتقان بولۇپ، ئوت ئاپىتى توكنىڭ ئۇلىنىش نۇقتىسىدا كاشىلا چىققانلىقى سەۋەبلىك يۈز بەرگەن.