خىتاي خەلقئارا تور بىخەرتەرلىكى يىغىنى چاقىردى

شى جىنپىڭ ھەر قايسى دۆلەتلەرنىڭ ئىنتېرنېت ئىگىلىك ھوقۇقىغا ھۆرمەت قىلىنىشى ۋە ئىنتېرنېت ئارقىلىق ئۈستۈنلۈك تالىشىشىنىڭ كويىدا بولۇشتىن ئۇزاق تۇرىشى ۋە ئىنتېرنېت قوراللىنىش رىقابىتىگە قارشى چىقىشى لازىملىقىنى تەكىتلىدى.

411835
خىتاي خەلقئارا تور بىخەرتەرلىكى يىغىنى چاقىردى


تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: خىتاي دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ تور بىخەتەرلىكىدە قوش ئۆلچەم بولماسلىقى كېرەكلىكىنى ئېيتتى.
خىتاينىڭ شەرقىدىكى جېجىياڭ ئۆلكىسىگە قاراشلىق ۋۇجىن يېزىسىدا باشلانغان «2 - نۆۋەتلىك خەلقئارا ئىنتېرنېت كونفېرانسىنىڭ ئېچىلىشىدا شى جىنپىڭ سۆز قىلىپ، خەلقئارا جامائەتچىلىكنى ئىنتېرنېت تېررورى ۋە تور ھۇجۇملىرىغا قارشى كۈرەشتە ھەمكارلىق ئورنىتىشقا چاقىرىق قىلدى.
شى جىنپىڭ ھەر قايسى دۆلەتلەرنىڭ ئىنتېرنېت ئىگىلىك ھوقۇقىغا ھۆرمەت قىلىنىشى ۋە ئىنتېرنېت ئارقىلىق ئۈستۈنلۈك تالىشىشىنىڭ كويىدا بولۇشتىن ئۇزاق تۇرىشى ۋە ئىنتېرنېت قوراللىنىش رىقابىتىگە قارشى چىقىشى لازىملىقىنى تەكىتلىدى.
شى جىنپىڭ «كەلگۈسى 5 يىلدا خىتاينىڭ دۆلەتلىك سانلىق مەلۇماتلىرى ۋە تور تەرەققىيات ئىستراتېگىيەسىنى تاماملاپ، ئىنتېرنېت خىزمەتلىرى بىلەن سانائەتنى بىر پۈتۈنلەشتۈرۈشنى ئىشقا ئاشۇرىدغانلىقىنى ۋە «İnternet Plus» ھەرىكەت پىلانىنىمۇ ئەمەلىيلەشتۈرىدىغانلىقىنى ئېيتتى.
كونفېرانسنىڭ ئېچىلىش قىسمىغا رۇسىيە پىرېزىدېنتى دىمىترى مېدۋېدېۋ، پاكىستان باش مىنىستىرى ناۋاز شەرىپ ۋە قازاقىستان باش مىنىستىرى كەرىم ماسىموۋ قاتارلىق بەزى رەھبەر ئىشتىراك قىلدى.
كونفېرانستا ئىنتېرنېت ساھەسى ۋەكىللىرىنىڭ قاتنىشىشى بىلەن ئىنتېرنېتنى باشقۇرۇش ۋە ئۆلچەملەشتۈرۈش مەسىلىلىرى بويىچە مۇزاكىرە ئېلىپ بېرىلىدىغان بولۇپ، 18 – دېكابىر جۈمە كۈنى ئاخىرلىشىدۇ.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر