رۇس ئايروپىلانلىرىنىڭ بومباردىمانىدا 81 پۇقرا ئۆلدى

رۇس ئايروپىلانلىرىنىڭ ئۆكتىچىلەرنىڭ كونىتروللۇقىدىكى رايونلارنى بومباردىمان قىلىشى نەتىجىسىدە 81 پۇقرا ھاياتىدىن ئايرىلدى، 135 كىشى يارىلاندى.

362653
رۇس ئايروپىلانلىرىنىڭ بومباردىمانىدا 81 پۇقرا ئۆلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئاخبارات مەنبەلىرىگە كۆرە، رۇسىيە ھاۋا ئارمىيەسى ئۆكتىچىلەرنىڭ كونتىروللۇقىدىكى شام ئەتراپىدىكى شەرقىي گۇتا، دۇما، ھاممۇرىيە، سەقبا، زامەلكا ۋە ئىربىن رايونلىرىنى بومباردىمان قىلغان.
رۇس ئۇرۇش ئايروپىلانلىرى دۇمانى 12، ھاممۇرىيەنى 5، سەقبانى 5، ئىربىننى 4 ۋە زامەلكانى 2 قېتىم بومباردىمان قىلغان، نەتىجىدە دۇمادا 55، زامالكادا 9، ھاممۇرىيەدە 5، ئىربىندە 2 پۇقرا قازا قىلغان، دۇمادا بازارغا قىلىنغان بومباردىماندا 120 گە يېقىن پۇقرا ئۆلگەن.
رۇس ئايروپىلانلىرىنىڭ سۈرىيەنىڭ شىمالىدىكى ھەلەبتىكى ئۆكتىچىلەرنىڭ كونتىروللۇقىدىكى مەرجە مەھەللىسىگە قىلغان بومباردىمانىدىمۇ 10 كىشى قازا قىلغان، 15 كىشى يارىلانغان.
ھەلەبتىكى پۇقراۋى قوغدىنىش ئەترەتلىرى مەسئۇللىرىنىڭ ئىلگىرى سۈرۈشىچە، رۇس ئايروپىلانلىرى بومباردىماندا مىسكەت بومبىسى ئىشلەتكەن.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر