پارىژ يىغىنىدا «سۈرىيەدە ئۇرۇش توختىتىش»قا چاقىرىلدى

پارىژ ئالىي دەرىجىلىكلەر يىغىنىغا قاتناشقانلار تەرەپلەرنى «سۈرىيەدە ئۇرۇش توختىتىش»قا چاقىردى.

409702
پارىژ يىغىنىدا «سۈرىيەدە ئۇرۇش توختىتىش»قا چاقىرىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: فىرانسىيەنىڭ پايتەختى پارىژ سۈرىيە كىرزىسى تېمىلىق ئالىي دەرىجىلىكلەر يىغىنىغا ساھىبخانلىق قىلدى.
تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىرى سەۋىيەسىدىكى ئالىي دەرىجىلىكلەر يىغىنىغا تۈركىيەگە ۋاكالىتەن تاشقى ئىشلار مەسلىھەتچىسى فەرىدۇن سىنىرلىئوغلۇ ئىشتىراك قىلدى.
ئالىي دەرىجىلىكلەر يىغىنىدا سۈرىيەدە ئۇرۇش توختىتىشنىڭ زۆرۈرلۈكى تەكىتلىنىپ، تەرەپلەر سىياسىي مۇزاكىرىلەر ئۆتكۈزۈشكە چاقىرىلدى.
ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى تاشقى ئىشلار مىنىستىرى جون كېررىيدىن سىرت گېرمانىيە، سەئۇدى ئەرەبىستان، ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى، ئىئوردانىيە، قاتار ۋە ئەنگلىيە قاتارلىق دۆلەتلەرنىڭ تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىرىمۇ ئىشتىراك قىلغان ئالىي دەرىجىلىكلەر يىغىنىدا ئىشتىراكچىلار سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ پايتەختى رىيادتا سۈرىيەلىك ئۆكتىچىلەر كېڭەش قىلغان قارارلارنى يېقىندىن قوللايدىغانلىقلىرىنى بىلدۈرۈشتى.
رىيادتىكى يىغىندا سۈرىيە ھاكىمىيىتى بىلەن ئۆتكۈنچى مەزگىل ئۈستىدە كېڭەش قىلىشنى قارار قىلىشقان ئۆكتىچىلەر، سۈرىيە پىرىزېدېنتى بەششار ئەسەد بىلەن قوللىغۇچىلىرىنىڭ ھاكىمىيەتتىن چېكىنىشنى تەلەپ قىلغانىدى.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر