ئامېرىكىدا مۇسۇلمانلار تېررورىزىمغا قارشى يىغىلىش ئۆتكۈزدى

ئامېرىكىنىڭ لوس ئانجېلىس شەھىرىدە مۇسۇلمانلار تېررورىزىم ۋە زوراۋانلىق قىلمىشلىرىغا قارشى نامايىش ئۆتكۈزدى.

408788
ئامېرىكىدا مۇسۇلمانلار تېررورىزىمغا قارشى يىغىلىش ئۆتكۈزدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ كالىفورنىيە ئىشتاتىدا ئىسلامىي ئورۇنلارنىڭ ۋەكىللىرى، تېررورىزم ۋە زوراۋانلىق قىلمىشلىرىغا قارشى ئىكەنلىكلىرىنى بىلدۈرۈش مەقسىتىدە لوس ئانجېلىسقا يىغىلدى.
ھورىزون مۇسۇلمان مەكتىپى ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ تىنچلىق ناخشىلىرى بىلەن باشلىغان پىروگراممىدا لوس ئانجېلىس شەھەرلىك ھۆكۈمەت باشلىقى ئېرىك گاركېت، مۇسۇلمان دىن ئۆلىمىلىرى ۋە ئاممىۋى تەشكىلاتلارنىڭ ۋەكىللىرى سۆز قىلىشتى.
شەھەر باشلىقى گاركېت سۆزىدە دۇنيانىڭ نۇرغۇن جايلىرىدا نەپرەت ۋە زوراۋانلىق ۋەقەلىرىنىڭ يۈز بېرىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرۈپ مۇنداق دېدى: «ھەممە يەردە زوراۋانلىق يۈز بېرىپ تۇرسىمۇ، بىز يەنە تەسەۋۋۇر قىلغان دۇنيانى بەرپا قىلىمىز. قەيەرلىك ۋە قايسى تىلنى سۆزلىشىشتىن قەتئىينەزەر، رەڭگىمىز ۋە دىنىمىز قانداق بولۇشتىن قەتئىينەزەر، بىر ئائىلە بولۇپ ياشاشنى داۋاملاشتۇرىمىز.»
لون ئانجېلىس شەھەرلىك ھۆكۈمەت بىناسى ئالدىدا ئۆتكۈزۈلگەن يىغىلىشقا لوس ئانجېلىس ساقچى ئىدارىسى باشلىقى چارلېي بېك، جەنۇبىي كالىفورنىيە ئىسلامىي شۇرا كېڭىشى باشلىقى مۇزەممىل سىددىقى، جەنۇبىي كالىفورنىيە شىئە مۇسۇلمانلار كېڭىشى باشلىقى سەيىد مۇستافا ئەل قازۋىنى، ئەممى مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن تىگى مېكسىكىلىق ئامېرىكا پۇقراسى ئېدۋارد جېيمىس ئولموس، سان بېرناردىنو شەھەرلىك ھۆكۈمەت باشلىقى كارېي دېيۋىس ۋە ئەتراپتىكى شەھەرلەرنىڭ ھۆكۈمەت باشلىقلىرى ۋە دىن ئۆلىمالىرى ئىشتىراك قىلدى.
ئىشتىراكچىلار تەرىپىدىن «دائېش ئىسلام ئەمەس»، «بىر دۇنيا بىر ئىنسانىيەت»، «نەپرەت بۆلىدۇ سۆيگۈ بىرلەشتۈرىدۇ» تەرىقىسىدىكى لوزۇنكىلار كۆتۈرۈلگەن يىغىلىش قاتتىق بىخەتەرلىك تەدبىرلىرى ئاستىدا ئۆتتى.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر