ئامېرىكا بازىلىرىنى دائېشقا قارشى تورلاشتۇرۇشنى پىلانلىماقتا

ئامېرىكا مۇداپىئە مىنىستىرلىقى – پېنتاگون، دائېشقا قارشى تېخىمۇ پائال كۈرەش قىلىش مەقسىتىدە ھەربىي بازىلىرىنى ئۆزئارا تورلاشتۇرۇلغان تېررورىزمغا قارشى كۈرەش قىلىش بازىلىرى سۈپىتىدە ئىشلىتىشكە تەييارلانماقتا.

407557
ئامېرىكا بازىلىرىنى دائېشقا قارشى تورلاشتۇرۇشنى پىلانلىماقتا

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكا پىرېزىدېنتى باراك ئوبامانىڭ دۈشەنبە كۈنى دۆلەت خەۋپسىزلىك مەسىلىلىرى ۋە دائېشقا قارشى كۈرەشتىكى ئەڭ يېڭى ئەھۋاللار توغرىسىدا مۇھاكىمە يۈرگۈزۈش ئۈچۈن پېنتاگوندا زىيارەتتە بولىدىغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

غەربىي ۋە شىمالىي ئافرىقا بىلەن شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيادىكى كۆپلىگەن قوراللىقلارنىڭ دائېشقا بەيئەت قىلىشىدىن كېيىن، پېنتاگوننىڭ بۇ رايونلاردا تېررورىزمغا قارشى كۈرەش قىلىش بازىسىنىڭ رولىنى ئوينايدىغان مەركەزلەرنى تەسىس قىلىش پىلانلىرىنى تەييارلىغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلدى.

پىلاندا كۆرسىتىلگەن تېررورىزمغا قارشى كۈرەش قىلىش بازىلىرىدا 500 بىلەن 5000 ئەتراپىدا ئەسكەر تۇرغۇزىدىكەن. بولۇپمۇ دائېشقا قارشى ئۇچۇر توپلاش ۋە نۆۋىتى كەلگەندە زەربە بېرىش ھەرىكىتى ئېلىپ بېرىش ۋەزىپىسىنى ئورۇندىشى پىلانلىنىۋاتقان تېررورىزمغا قارشى كۈرەش بازىلىرى ئافرىقا، شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا ۋە ئوتتۇرا شەرقتىكى ئامېرىكا بازىلىرى بىلەن ئۆزئارا تورلاشتۇرۇلۇش ئاساسىدا تەسىس قىلىنىدىكەن.

ئامېرىكىلىق مۇناسىۋەتلىك ئەمەلدارلار، دائېشنىڭ شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيادا بارغانچە كۈچىيىۋاتقان بىر خەۋپكە ئايلانغانلىقىنىمۇ سۆزلىرىگە ئىلاۋە قىلىشماقتا.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر