ئۆتكۈنچى باسقۇچتا بەششار ئەسەدكە ئورۇن يوق

سۈرىيەلىك ئۆكتىچىلەر ر مۇھىم قارار ئالدى.

407019
ئۆتكۈنچى باسقۇچتا بەششار ئەسەدكە ئورۇن يوق

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: سۈرىيەدە ئۇدا 4 يىلدىن كۆپرەك ۋاقىتتىن بۇيان داۋاملىشىۋاتقان ئىچكى ئۇرۇشقا خاتىمە بېرىش مەقسىتىدە 1 – يانۋار كۈنى ۋىيانادا چاقىرىلىدىغان ئالى دەرىجىلىك رەھبەرلەر يىغىنى ھارپىسىدا، سەئۇدى ئەرەبىستان رەھبەرلىكىدە بىر يەرگە جەم بولغان ئۆكتىچى گۇرۇپپىلار مۇھىم قارار ئالدى.
سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ پايتەختى رىيادتا چاقىرىلغان يىغىنغا ئىشتىراك قىلغان 100 ئۆكتىچى گۇرۇپپا، يىغىندىن كېيىن ئىچكى ئۇرۇشنى دىپلوماتىك يوللار ئارقىلىق ھەل قىلىش ئۈچۈن سۈرىيە ھۆكۈمىتى بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزىدىغان ئالىي كومىتېت قۇرۇپ چىقىش مەسىلىسىدە بىردەكلىك ھاسىل قىلدى. يىغىندىن كېيىن ئېلان قىلىنغان باياننامىدە، مەركىزى رىياد بولىدىغان كومىتېتىنىڭ ئۆتكۈنچى باسقۇچنىڭ ئىشقا كىرىشتۈرۈلۈشى ئۈچۈن سۈرىيە ھۆكۈمىتى بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزىدىغان ھەيئەتنى بېكىتىپ چىقىدىغانلىقى، ئۆتكۈنچى باسقۇچتا بەششار ئەسەدكە ئورۇن بېرىلمەيدىغانلىقى ئەسكەرتىلدى. سۈرىيەدىكى ئەڭ چوڭ ئۆكتىچى گۇرۇپپا بولغان ئەھرارۇش شام بولسا، كېلىشىمنى يېتەرسىز دەپ قاراپ، مۇزاكىرىلەردىن چېكىندى.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر