رۇسلار دائېشقا قارشى ئۇرۇش قىلىۋاتقان ئۆكتىچىلەرگە ھۇجۇم قىلدى

دەمەشق ئالدىنقى سېپىنىڭ مەسئۇللىرىدىن ئەبۇ مۇھەممەد ناسىر، ئانادولۇ ئاگېنتلىقىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا بەرگەن باياناتىدا، رۇس ئۇرۇش ئايروپىلانلىرىنىڭ ھەلەبنىڭ شىمالىدىكى كافرا يېزىسىدا ئۆكتىچىلەرنىڭ تېررورلۇق تەشكىلاتى دائېش بىلەن چېگرالىنىدىغان ئالدىنقى سەپ لىنىيەسى بىلەن مۇداپىئەلىنىش يوللىرىنى بومباردىمان قىلغانلىقىنى بىلدۈردى.

405688
رۇسلار دائېشقا قارشى ئۇرۇش قىلىۋاتقان ئۆكتىچىلەرگە ھۇجۇم قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى:رۇس ئايروپىلانلىرىنىڭ شەھەرنىڭ شىمالىدىكى ئۆكتىچىلەرنىڭ كونتىروللۇقىدىكى تەل رىفات ۋە ئەزىز ناھىيەسى بىلەن دىر جەمەل رايونىنىمۇ بومباردىمان قىلغانلىقىنى ئەسكەرتكەن ناسىر، «رۇس ئايروپىلانلىرى ئەزىز ناھىيەسىنىڭ شەرقىدىكى ئۆكتىچىلەرنىڭ دائېش بىلەن چېگرالىنىدىغان ئالدىنقى سەپ لىنىيەسىگىمۇ ھۇجۇم قىلدى. رۇسلار ئۆكتىچىلەر تېررورلۇق تەشكىلاتى دائېشقا قارشى ئۇرۇش قىلىۋاتقان بىر پەيتتە ھۇجۇم قىلدى» دېدى.
ئۆكتىچىلەرنىڭ رايوندىكى ھەمزە يېزىسىنى دائېشتىن قايتۇرۇۋالغانلىقىنى ئەسكەرتكەن ناسىر، «ئەزىز رايونىنىڭ شەرقىي شىمالىدىكى كافرا يېزىسىدا ئۆكتىچىلەر بىلەن تېررورلۇق تەشكىلاتى دائېش ئوتتۇرىسىدا قاتتىق توقۇنۇشلار يۈز بەردى. دائېش بومبىلىق ئاپتوموبىللار بىلەن ئۆكتىچىلەرگە ھۇجۇم قىلدى. ھۇجۇمدا دەمەشق ئالدىنقى سېپىنىڭ ئىككى قوماندانى ھاياتىدىن ئايرىلدى، ئىككى مۇخبىر بىلەن كۆپ ساندىكى پۇقرالار يارىلاندى. ئۆكتىچىلەرنىڭ كافرادا دائېش مىلىتانلىرىغا ھۇجۇم قىلىشىدىن كېيىن رۇس ئايروپىلانلىرى ئۆكتىچىلەرنىڭ قارارگاھىنى بومباردىمان قىلدى» دېدى.
رۇس ئايروپىلانلىرىنىڭ ھەلەبنىڭ شىمالىدىكى تەل ئاجار يېزىسىدا ئۆكتىچىلەرنىڭ پ ي د بىلەن چېگرالىنىدىغان ئالدىنقى سەپ لىنىيەسىنىمۇ بومباردىمان قىلغانلىقىنى ئەسكەرتكەن ناسىر، ھۇجۇملاردا يارىلىنىش ئەھۋالىنىڭ كۆرۈلمىگەنلىكىنى، بىراق دائېش رايونىغا بارىدىغان يوللارنىڭ پۈتۈنلەي ۋەيران بولغانلىقىنى قەيت قىلدى.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر