فىرانسىيە خەۋپسىزلىك كۈچلىرى 2500 ئۆي - ماكاننى ئاختۇردى

فىرانسىيە خەۋپسىزلىك كۈچلىرى دۆلەت مىقياسىدا 2500 ئەتراپىدا ئۆي – ماكاندا تەكشۈرۈش ئېلىپ باردى.

405279
فىرانسىيە خەۋپسىزلىك كۈچلىرى 2500 ئۆي - ماكاننى ئاختۇردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: فىرانسىيەنىڭ پايتەختى پارىژدا 13- نويابىردا مەيدانغا كەلگەن تېررورلۇق ھۇجۇملىرىدىن كېيىن ئېلان قىلىنغان ھەربىي ھالەتتىن بۇيان خەۋپسىزلىك كۈچلىرى دۆلەت مىقياسىدا 2500 ئەتراپىدا ئۆي – ماكاندا تەكشۈرۈش ئېلىپ باردى.

فىرانسىيە ئىچكى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ مەتبۇئاتنى تەمىنلىگەن ئۇچۇرىغا ئاساسلانغاندا، ئۆيلەردىكى ئاختۇرۇش – تەكشۈرۈش جەريانىدا 305 ئادەم سوراق قىلىنغان بولۇپ، بۇلارنىڭ 267 نەپىرى نازارەت ئاستىغا ئېلىنغان. «جەمئىيەت تەرتىپىگە بۇزغۇنچىلىق قىلىش خەۋپى بار» دەپ قارالغان 354 ئادەمنىڭ ئۆيلىرىگە نەزەربەنت قىلىنىشى قارار قىلىنغان. ئاختۇرۇش – تەكشۈرۈش جەريانىدا 39 دانىسى «ئۇرۇش قورالى» بولۇپ جەمئىي 398 دانە قورال قولغا چۈشۈرۈلگەن.

پارىژدا 130 ئادەمنىڭ ئۆلۈمى، 351 ئادەمنىڭ يارىلىنىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان تېررورلۇق ھۇجۇملىرىدىن كېيىن پىرېزىدېنت فرانسۇا ئولاند تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغان ھەربىي ھالەتنىڭ مۇددىتىنى ئۇچ ئايغا ئۇزارتىشنى مەزمۇن قىلغان قانۇن تەكلىپى پارلامېنتنىڭ ماقۇللۇقىدىن ئۆتكەنىدى.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر