پۇتىن چۈشۈرۈۋېتىلگەن ئايروپىلاننىڭ قارا قۇتۇسىنى ئېچىشقا بۇيرۇدى

رۇسىيە پىرېزىدېنتى ۋلادىمىر پۇتىن 24 – نويابىر كۈنى ھاۋا تەۋەلىكىگە تاجاۋۇز قىلغانلىقى ئۈچۈن تۈركىيەنىڭ F16 تىپلىق ئۇرۇش ئايروپىلانلىرى تەرىپىدىن چۈشۈرۈۋېتىلگەن رۇسىيەنىڭ SU-24 تىپلىق ئۇرۇش ئايروپىلانىنىڭ قارا قۇتۇسىنى خەلقئارالىق مۇتەخەسسىسلەر بىلەن بىرلىكتە ئېچىشقا يوليۇرۇق چۈشۈردى.

404930
پۇتىن چۈشۈرۈۋېتىلگەن ئايروپىلاننىڭ قارا قۇتۇسىنى ئېچىشقا بۇيرۇدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: پۇتىن، دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى سېرگېي شويگۇنى كرېمل سارىيىدا قوبۇل قىلدى.
شويگۇ، سۈرىيە ئارمىيەسىگە قاراشلىق ئالاھىدە قىسىملارنىڭ رۇس ئايروپىلانى چۈشۈپ كەتكەن جاينى تازىلاپ، ئايروپىلاننىڭ قارا قۇتۇسىنى تاپقانلىقىنى بىلدۈردى.
پۇتىن، قارا قۇتىنى كۆزدىن كەچۈرگەندىن كېيىن، «چۈشۈپ كەتكەن ئايروپىلانىمىزنىڭ قارا قۇتىسى ئايروپىلان قوزغىلىپ چۈشۈپ كەتكۈچە بولغان ئارىلىقتىكى مۇساپىنى، سۈرئىتىنى، يۈكسەكلىكىنى ۋە ئۇچۇش ھەرىكەتلىرىنى بىزگە كۆرسىتىپ بېرىدۇ» دېدى.
پۇتىن، قارا قۇتىنىڭ خەلقئارالىق مۇتەخەسسىسلەرنىڭ ھەمراھلىقىدا ئېچىش توغرۇلۇق يوليۇرۇق چۈشۈردى.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر