«دائېشتىكى قوراللارنىڭ كۆپىنچىسى ئامېرىكا ۋە رۇسىيەدە ياسالغان»

خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى دائېشنىڭ قولىدىكى قورال-ياراغلارنىڭ كۆپ قىسمىنىڭ ئامېرىكا ۋە رۇسىيەدە ئىشلەپچىقىرىلغانلىقىنى بىلدۈردى.

403357
«دائېشتىكى قوراللارنىڭ كۆپىنچىسى ئامېرىكا ۋە رۇسىيەدە ياسالغان»

خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى دائېشنىڭ قولىدىكى قورال-ياراغلارنىڭ كۆپىنچىسىنىڭ ئامېرىكا ۋە رۇسىيەدە ياسالغانلىقى ۋە بۇلارنىڭ ئىراق ئارمىيەسىنىڭ ھەربىي بازىلىرىنىڭ بۇلان-تالان قىلىنىشى نەتىجىسىدە قولغا كىرگۈزۈلگەنلىكىنى بىلدۈردى.
تەشكىلات تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغان «دائېشنىڭ قوراللىنىشى» تېمىلىق دوكلاتتا «ئىراققا قورال-ياراغ يۆتكىلىشىگە قارىتا ئېلىنغان تەدبىرلەرنىڭ ئاجىزلىقى، تەپتىش ۋە نازارەت خىزمەتلىرىنىڭ پاسسىپلىقى قاتارلىقلار ئامىللار ئۆزىنى ئىسلام دۆلىتى دەپ ئاتىۋالغان قوراللىق تەشكىلاتقا ئىراقتا ئۇرۇش جىنايەتلىرى سادىر قىلىشى ئۈچۈن كەڭ زېمىن لېكىن تولىمۇ خەتەرلىك شارائىت يارىتىپ بەردى» دېيىلدى.
خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتىنىڭ قوراللىق-ياراغ ۋە ھەربىي لازىمەتلىكلەر ساھەسىدە مۇستەقىل تەتقىقات پائالىيەتلىرى ئېلىپ بېرىۋاتقان «قوراللاندۇرۇش تەتقىقات خىزمەت گۇرۇپپىسى» بىلەن بىرلىكتە تەييارلاپ چىققان مەزكۇر دوكلاتىدا، دائېشنىڭ نۆۋەتتە ئىشلىتىۋاتقان قورال-ياراغلىرىنىڭ كۆپ قىسمىنىڭ ئىراق ئارمىيەسىنىڭ ھەربىي ئىسكىلاتلىرىنىڭ بۇلان-تالان قىلىنىشى بىلەن قولغا كىرگۈزۈلگەنلىكى ئالاھىدە ئەسكەرتىلىپ، بۇ قورال-ياراغلارنىڭ ئەنگلىيە، گېرمانىيە ۋە فىرانسىيە قاتارلىق دۆلەتلەرمۇ بولغان بەزى ياۋروپا ئىتتىپاقى دۆلەتلىرى بىلەن رۇسىيە، خىتاي ۋە ئامېرىكا تەرىپىدىن لايىھلەنگەنلىكى ۋە ئىشلەپچىقىرىغانلىقى بىلدۈرۈلدى.
مىڭلارچە ۋىدىئو ۋە فوتو-سۈرەت ئانالىزلىرى ئورۇن ئالغان دوكلاتتا «دائېش 2014-يىلى ئىيۇندا مۇسۇلنىڭ تىزگىنىنى قولغا كىرگۈزۈۋالغاندىن كېيىن، ئىراقنىڭ ھەربىي ئىسكىلاتلىرىدىن ئامېرىكىدا ياسالغان قورال-ياراغ ۋە ھەربىي ئاپتوموبىللار بولۇپ چوڭ دۆلەتلەردە ئىشلەپچىقىرىلغان قوراللارغا ئېرىشتى» دېيىلدى.
دوكلاتتا دائېش ئىشلىتىۋاتقان قورال-ياراغ ۋە ھەربىي لازىمەتلىكلەرنىڭ ئەڭ ئاز دېگەندە 25 دۆلەتتە ئىشلەپقىرىلغانلىقىمۇ بىلدۈرۈلۈپ مۇنۇ ئىبارىلەرگە ئورون ئاجرىتىلدى: «دائېشنىڭ قورال-ياراغلىرىنىڭ سەر خىل ۋە كۆپ بولۇشىغا ئىراققا قورال-ياراغ يۆتكىلىشىگە بولغان تەدبىرلەر ۋە نارازەتنىڭ تولىمۇ ئاجىزلىقى سەۋەب بولغان.»


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر