ئاۋستىرىيەدە ئىسلامىي يەسىلىلەر تاقىلىش خەۋپىگە دۇچ كەلدى

ئاۋستىرىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى سېباستىيان كۇرىز، بالىلارنى جەمئىيەتتىن يىراقلاشتۇرغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلگەن ئىسلامىي تەلىم – تەربىيە يەسلىلىرىنىڭ دەرھال تاقىلىشى كېرەكلىكىنى بىلدۈردى.

402411
ئاۋستىرىيەدە ئىسلامىي يەسىلىلەر تاقىلىش خەۋپىگە دۇچ كەلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئاۋستىرىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى «كۇرىيېر گېزىتى» نىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا، ۋىيېننا ئۇنىۋېرستېتى ئىسلام تەتقىقاتلىرى ئىنىستىتۇتىنىڭ پىروفېسسورى دوكتور ئەدنان ئاسلان باشچىلىقىدا تەييارلانغان «ئاۋستىرىيەدە ئىسلامىي يەسلىلەر ۋە ئۇنىڭغا قاراشلىق تەلىم – تەربىيە ئورگانلىرى» تېمىلىق دوكلات ئۈستىدە توختالدى. ئۇ ئىسلامىي يەسلىلەردە بالىلارنىڭ جەمئىيەتتىن يىراقلاشتۇرۇلغانلىقىنى ۋە بۇنىڭ ئىنتايىن ئېغىر مەسىلە ئىكەنلىكىنى قەيت قىلدى. ئۇ مەسىلىنى نەزەردىن ساقىت قىلىشنى تۈگىتىشنى تەكىتلەپ: «مەسىلە يوقتەك مۇئامىلە قىلىشنىڭ ھېچنىمىگە پايدىسى يوق» دېدى. ئۇ ۋىيېننادا دۆلەتنىڭ ياردىمى بىلەن قۇرۇلغان 150 دانە ئىسلامىي يەسلىنىڭ بارلىقىنى خاتىرىلەتكەن ھالدا: «بۇ ئورۇنلارنىڭ دەرھال تاقىلىشى كېرەكلىكىگە قايىل بولدۇم» دېدى.
ئۇ يەسلىلەرنى باشقۇرۇش تەدبىرلىرىنىڭ كۈچەيتىلىدىغانلىقى ۋە زۆرۈر تېپىلغاندا يەسلىلەرنىڭ باشقۇرۇش ئاپپاراتلىرىدا كۈچلۈك ئورۇنغا ئىگە بولۇش ئۈچۈن قانۇن چىقىرىلىش مۇمكىنلىكىنى قەيت قىلدى.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر