«سۈرىيەنىڭ 4 ئەسكىرى بىرلەشمە كۈچلەرنىڭ بومباردىمانىدا ئۆلدى»

ئامېرىكا باشچىلىقىدىكى دائېشقا قارشى بىرلەشمە كۈچلەر سۈرىيەنىڭ دەيرۇززۇر رايونىنى بومباردىمان قىلىش ئەسناسىدا 4 سۈرىيە ئەسكىرىنىڭ ئۆلۈمىگە سەۋەب بولدى.

402793
«سۈرىيەنىڭ 4 ئەسكىرى بىرلەشمە كۈچلەرنىڭ بومباردىمانىدا ئۆلدى»

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: سۈرىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى بىرلەشمە كۈچلەرنىڭ 4 ئايروپىلانىنىڭ يەكشەنبە كۈنى ھۆكۈمەتنىڭ ھەربىي لاگېرىنى بومباردىمان قىلغانلىقىنى ئۇقتۇردى.

مەركىزى لوندونغا جايلاشقان سۈرىيە كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتىنىڭ باياناتىدىمۇ، دائېش تېررورلۇق تەشكىلاتىنىڭ كونتروللۇقى ئاستىدىكى رايونغا 2 كىلومېتىرچە يىراقلىقتىكى لاگېردا 4 سۈرىيە ئەسكىرىنىڭ ئۆلگەنلىكى، 13 ىنىڭ يارىلانغانلىقى ئەسكەرتىلدى. باياناتتا، ئىراق ۋە سۈرىيەدىكى دائېش نىشانلىرىنى بومباردىمان قىلىپ كېلىۋاتقان بىرلەشمە كۈچلەرنىڭ تۇنجى قېتىم ئەسەد ئەسكەرلىرىنى ئۆلتۈرگەنلىكىنى ئالاھىدە تەكىتلەندى.

ئامېرىكا تەرەپ بولسا، سۈرىيە ئارمىيەسىنىڭ لاگېرلىرىنى بومباردىمان قىلغانلىقى توغرىسىدىكى خەۋەرلەرنى رەت قىلدى. بىرلەشمە كۈچلەرنىڭ باياناتچىسى ستېۋ ۋاررېن، «خەۋەرلەرنى كۆردۇق، لېكىن، تۈنۈگۈن دەيرۇززۇرنىڭ مەزكۇر رايونىدا ھېچقانداق ھەربىي ھەرىكەت ئېلىپ بارمىدۇق» دېدى.

ئۇ يەنە، رايوندىكى بومباردىمان قىلىنغان بىردىنبىر جاينىڭ ئەسكەرلەرنىڭ ئۆلتۈرۈلگەنلىكى قەيت قىلىنىۋاتقان يەرگە 55 كىلومېتىر ئۇزاقلىقتا ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتتى.

باياناتچى ۋاررېن تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغان راققەدىكى مەزكۇر ھۇجۇمدا دائېشنىڭ 49 ئەزاسى ئۆلتۈرۈلدى.

يەنە بىر تەرەپتىن، ئەسەد ھاكىمىيىتى پايتەخت دەمەشىقنىڭ كونتروللۇقى ئاستىدىكى مەھەللىلىرىدە پۇقرالار قوغدىنىش ئەترەتلىرىنى تەشكىللەشكە باشلىدى. مەزكۇر پۇقرالار بىر ھەپتە تەربىيەلەنگەندىن كېيىن مەھەللىلەردە ۋەزىپىگە تەيىنلىنىدۇ.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر