لوندون مېتروسىدا پىچاقلىق ھۇجۇم قىلىش ۋەقەسى يۈز بەردى

لوندون مېترو ئىستانسىسىدا 3 ئادەمنى پىچاقلاپ يارىلاندۇرغان بىر كىشى نازارەت ئاستىغا ئېلىندى.

401767
لوندون مېتروسىدا پىچاقلىق ھۇجۇم قىلىش ۋەقەسى يۈز بەردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئەنگلىيە تاراتقۇلىرىدا ئورۇن ئالغان خەۋەرلەردە ئىلگىرى سۈرۈلىشىچە، شەھەرنىڭ شەرقىي قىسمىدىكى لېيستون ئىستانسىسىدا قاراڭغۇ چۈشكەندە مەيدانغا كەلگەن ۋەقەدە ھۇجۇمچى ‹بۇ سۈرىيە ئۈچۈن› دەپ ۋارقىرىغان. لېكىن، بۇ سۆز لوندون ساقچى ئىدارىسى تەرىپىدىن جەزملەشتۈرۈلمىدى.

لوندون ساقچى ئىدارىسى، مېترو بېكىتىدە مەيدانغا كەلگەن پىچاقلىق ھۇجۇم قىلىش ۋەقەسىگە «تېررورلۇق ۋەقەسى» دەپ قارىلىۋاتقانلىقىنى ئۇقتۇردى.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر