موموتومبو يانار تېغى پارتلىدى

ئوتتۇرا ئامېرىكا دۆلىتى نىكاراگۇانىڭ غەربىي شىمالىدىكى موموتومبو يانار تېغى پارتلىدى.

398521
 موموتومبو يانار تېغى پارتلىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئوتتۇرا ئامېرىكا دۆلىتى نىكاراگۇانىڭ غەربىي شىمالىدىكى موموتومبو يانار تېغىنىڭ پارتلاپ، بوشلۇققا كۈل، گاز ۋە قىزىق قىيا تاش پارچىلىرىنى پۈركۈشكە باشلىدى.

ئالاقىدار خادىملار، يانار تېغىغا يېقىن جايلاردىكى ئاھالىلەرنىڭ بىخەتەر رايونلارغا تارقاقلاشتۇرۇلىدىغانلىقىنى ئۇقتۇردى.

ئىگىلىنىشىچە، ئوتتۇرا ئامېرىكىنىڭ ئەڭ چوڭ دۆلىتى ھېسابلىنىدىغان نىكاراگۇادا پات – پات پارتلاپ تۇرىدىغان 20 دەك يانار تاغ بار ئىكەن.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر