فىرانسىيە ئاساسىي قانۇنغا ئۆزگەرتىش كىرگۈزۈشكە تەييارلانماقتا

فىرانسىيە ھۆكۈمىتى، پارىژدىكى ھۇجۇملاردىن كېيىن ئاساسىي قانۇنغا ئۆزگەرتىش كىرگۈزۈشنى مەزمۇن قىلغان بىر تەكلىپ لايىھەسى تەييارلىدى.

399230
فىرانسىيە ئاساسىي قانۇنغا ئۆزگەرتىش كىرگۈزۈشكە تەييارلانماقتا

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: فىرانسىيە ھۆكۈمىتى، پارىژدىكى ھۇجۇملاردىن كېيىن تېررورىزمغا قارشى كۈرەش قىلىشتا ھۆكۈمەتكە تېخىمۇ كۆپ سالاھىيەت بېرىلىشى ئۈچۈن، ئاساسىي قانۇنغا ئۆزگەرتىش كىرگۈزۈشنى مەزمۇن قىلغان بىر تەكلىپ لايىھەسى تەييارلىدى.

فىرانسىيەدە چىقىدىغان لېموند گېزىتىنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، ھۆكۈمەت مەزكۇر قانۇن لايىھەسى پىكرىنى ئېلىش مەقسىتىدە 1- دېكابىر كۈنى دۆلەت قانۇن مەھكىمىسىگە يوللىغان. مەزكۇر لايىھە جىددىي ھالەت مۇددىتىنىڭ يۇقىرى چېكىنىڭ 3 ئايدىن 6 ئايغا چىقىرىلىشىنى، تېررورلۇق جىنايىتى بىلەن ئەيىبلەنگۈچىلەرنىڭ پۇقرالىق سالاھىيىتىنىڭ ئېلىپ تاشلىنىشىنى، يېڭىدىن پۇقرالىققا ئۆتكەنلەردىن باشقا تۇغما فىرانسىيە پۇقراسى بولغانلارنىڭمۇ تېررورلۇق جىنايىتى سادىر قىلغانلىقى ئسىپاتلانغان تەقدىردە، پۇقرالىقتىن چىقىرىپ تاشلىنىدىغانلىقىنى، بۇلاردىن باشقا تېررورىزمغا قارشى كۈرەشتە ساقچىلارغا تېخىمۇ كۆپ كۈچ بېرىلىشىنى مەزمۇن قىلىدۇ.

فىرانسىيە پىرېزىدېنتى فرانسۇا ئولاند، تېررورلۇق ھۇجۇمىدىن كېيىن پارلامېنتتا سۆز قىلىپ، بۇ جەھەتتە ئاساسىي قانۇنغا ئۆزگەرتىش كىرگۈزۈش ئۈچۈن تىرىشچانلىق كۆرسىتىدىغانلىقى ھەققىدە ۋەدە بەرگەنىدى.
ئاساسىي قانۇنغا ئۆزگەرتىش كىرگۈزۈش ئۈچۈن پارلامېنت ۋە پالاتا ئەزالىرى ئومۇمىي سانىنىڭ بەشتىن ئۈچىنىڭ قوللىشى تەلەپ قىلىنىدۇ.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر