گۋاتېمالادا ئىسيان كۆتۈرۈلدى
ساقچىلار بىلەن ئەسكەرلەر ئىسياننى قانلىق باستۇردى.
396160
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئوتتۇرا ئامېرىكا دۆلەتلىرىدىن گۋاتېمالادا كۆتۈرۈلگەن ئىسيان جەريانىدا 16 كىشى ئۆلدى.
مەلۇماتلارغا قارىغاندا، ئىسياننىڭ كېلىپ چىقىشىغا ئىككى لۈكچەكلەر گۇرۇھى ئوتتۇرىسىدا يۈز بەرگەن جېدەل – ماجىراغا باشقا مەھبۇسلارنىڭمۇ ئارىلىشىشى سەۋەبچى بولغان.
گۋاتېمالا خەلقى «كىچىك جەھەننەم» دەپ ئاتايدىغان 600 ياتاقلىق تۈرمىگە 3 مىڭدىن ئارتۇق مەھبۇس قامالغان بولۇپ، تۈرمە ئىلگىرىمۇ ئىسيانلارغا سەھنە بولغان، 2012 – يىلى مەھبۇسلار تۈرمە باشلىقىنى ئۇرۇپ ئۆلتۈرۈۋەتكەنىدى.