گۇاتېمالا تۈرمىسىدە ئىسيان كۆتۈرۈلدى

ئوتتۇرا ئامېرىكا دۆلىتى گۇاتېمالانىڭ «گرانجا دې رېھابىلىتېيشېن كانادا» ناملىق تۈرمىسىدە ئىسيان كۆتۈرۈلۈپ، 6 ئادەم ئۆلدى.

395917
گۇاتېمالا تۈرمىسىدە ئىسيان كۆتۈرۈلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئوتتۇرا ئامېرىكا دۆلىتى گۇاتېمالانىڭ «گرانجا دې رېھابىلىتېيشېن كانادا» ناملىق تۈرمىسىدە ئىسيان كۆتۈرۈلۈپ، 6 ئادەم ئۆلدى.

تۈرمە باياناتچىسى رۇدي ئېسكۇۋېل، ئىككى قارا گۇرۇھ ئەزالىرى ئارىسىدىكى توقۇنۇشقا باشقا مەھبۇسلارنىڭمۇ قېتىلىشى بىلەن ئىسيانغا ئايلىنىپ كەتكەن ۋەقەدە، كۆپ ساندا كىشىنىڭ يارىلانغانلىقىنى ئېلان قىلدى. ئۇ، ئىسياننىڭ ئەسكەر ۋە ساقچىلارنىڭ مۇداخىلە قىلىشى سايىسىدا باستۇرۇلغانلىقىنى، ھازىرغىچە مەھبۇسلارنىڭ سانىنى ئېلىشنىڭ مۇمكىن بولمىغانلىقىنى، تۈرمىدىن قاچقانلار بار ياكى يوقلۇقىنىڭ ئېنىق ئەمەسلىكىنى سۆزلىرىگە ئىلاۋە قىلدى.

مەزكۇر تۈرمىدە 2012 – يىلىدىمۇ ئىسيان كۆتۈرۈلگەن، ئىنسيان ئەسناسىدا تۈرمە مۇدىرى ئېتىپ ئۆلتۈرۈۋېتىلگەنىدى.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر