رۇسلار بىلەن ئەسەد قىسىملىرى 40 ئادەمنىڭ جېنىغا زامىن بولدى

سۈرىيەدە رۇسلار بىلەن ئەسەد قىسىملىرى 40تەك ئادەمنىڭ جېنىغا زامىن بولدى، نۇرغۇن ئادەمنى يارىلاندۇردى.

394936
رۇسلار بىلەن ئەسەد قىسىملىرى 40 ئادەمنىڭ جېنىغا زامىن بولدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: سۈرىيەدە رۇسىيە بىلەن ئەسەد قىسىملىرى پۇقرالارنى قەتلى قىلىشنى داۋاملاشتۇرماقتا.
رۇس ئۇرۇش ئايروپىلانلىرى ئىدلىبتە ئۆكتىچىلەرنىڭ تىزگىنى ئاستىدىكى ئەرىھا ناھىيەسىدە بىر بازار بىلەن تۇرالغۇ جايلارغا ھۇجۇم قىلىشى نەتىجىسىدە، ئاياللار ۋە بالىلار بولۇپ جەمئىي 40 ئادەم ئۆلدى، 70دىن ئارتۇق ئادەم يارىلاندى.
ئالاقىدار مەسئۇللار ئۆيلەر ۋە ئىش ئورۇنلىرىنىڭ ۋەيران بولغانلىقىنى، بۇ سەۋەبتىن خارابىلىك ئاستىدا قالغان ئادەملەرنىڭ بارلىقىنى بىلدۈرمەكتە. ناھىيەدە دائېش مىلىتانلىرىنىڭ مۇقىم بازىسىنىڭ يوقلىقى قەيت قىلىندى.
سۈرىيەدە ئەسەد قىسىملىرى تۈركمەنلەرنى 11 كۈندىن بۇيان بومباردىمان قىلماقتا.
توقۇنۇشلار سۈرىيەنىڭ لازىقىيە شەھىرىنىڭ شىمالىدىكى بايىربۇجاق رايونىغا مەركەزلەشتى، ئەسەد قىسىملىرى ئىستىراتېگىيەلىك نۇقتىلار ھېسابلىنىدىغان قىزىلتاغ بىلەن تۈركمەن تېغىغا ھۇجۇم قىلماقتا.
ئورمانلىقتا داۋاملاشقان توقۇنۇشلاردىن كۆتۈرۈلگەن ئاۋازلار تۈركىيەنىڭ ھاتاي ۋىلايىتىنىڭ يايلاداغ ناھىيەسىدىن ئاڭلانماقتا.
رايوندا يۈز بەرگەن پارتلاشلاردىن كېيىن كۆتۈرۈلگەن ئىس-تۈتەكلەر تۈركىيە تەرەپتىن ناھايىتى ئوچۇق كۆرىنىپ تۇرىدۇ.
ھۇجۇملاردا تۈركمەن ئۆكتىچى كۈچلەرنىڭ بازىلىرىدىن سىرت يېزىلارمۇ نىشان قىلىنماقتا. ئەسەد قىسىملىرى تۈن نىسپىدە بايىر بۇجاق رايونىدىكى3 يېزىغا ھۇجۇم قوزغىدى.
يېزىلاردىن ئايرىلغان ئايال ۋە بالىلاردىن تەشكىل تاپقان تۈركمەنلەر، تۈركىيە چېگرىسىغا يېقىن جايلاردا ئۆزلىرى سېلىۋالغان چېدىرلاردا ياشىماقتا.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر