ئولاند: سۈرىيەنىڭ كېلەچىكىدە ئەسەدنىڭ رولى يوق

فىرانسىيە پىرېزىدېنتى فرانسۇا ئولاند سۈرىيە كىرىزىسىنىڭ ھەل قىلىنىشى ئۈچۈن سىياسىي جەھەتتىن ھەل قىلىش چارىسى تېپىش كېرەكلىكىنى تەكىتلىگەن ھالدا: «سۈرىيەنىڭ كېلەچىكىدە بەششار ئەسەدنىڭ رولى يوق» دېدى.

393832
ئولاند: سۈرىيەنىڭ كېلەچىكىدە ئەسەدنىڭ رولى يوق

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئولاند پىرېزىدېنت ۋلادىمىر پۇتىن بىلەن كرېمىل سارىيىدا كۆرۈشكەندىن كېيىن ئۆتكۈزۈلگەن ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا، سۈرىيەدە تېررورلۇققا قارشى كۈرەش مەسىلىسىدە رۇسىيە بىلەن ھەمكارلىق ئىچىدە ھەرىكەت قىلىدىغانلىقلىرىنى ۋە بۇ ئورتاق كۈرەشنىڭ فىرانسىيەنىڭ ئۇكرائىنا كىرىزىسىگە سىياسىي ھەل قىلىش چارىسى تېپىش ئارزۇسىغا توسقۇنلۇق قىلمايدىغانلىقىنى بىلدۈردى. ئۇ دائېشقا قارشى كۈرەشتە باشقا گۇرۇپپىلارنىڭ ھۇجۇم نىشانى قىلىنماسلىقى توغرىسىدا پۇتىن بىلەن پىكىر بىرلىكى ھاسىل قىلغانلىقلىرىنى قەيت قىلدى.
ئۇ تېررورىزمنىڭ كىرىم مەنبەسىنى يوقىتىپ تاشلاشنى ئالاھىدە ئەسكەرتتى ۋە دائېشنىڭ نېفىتتىن كىرىم قىلىشنى توسۇش كېرەكلىكىنى ئېيتتى. ئۇ: «كىم دائېشتىن نېفىت سېتىۋالغان بولسا، تېررورچىلارغا كونترول قىلغىلى بولمايدىغان دەرىجىدە پۇل بېرىۋاتىدۇ دېگەنلىكتۇر. بىز نېفىت توشۇپ، تېررورچىلارنى ئىقتىساد بىلەن تەمىنلىگەن يۈك ئاپتوموبىللىرىنى پارتلتىۋېتىمىز» دېدى.
رۇسىيە پىرېزىدېنتى ۋلادىمىر پۇتىن ھاۋا تەۋەلىكىگە تاجاۋۇز قىلغانلىقى ئۈچۈن ئېتىپ چۈشۈرۈلگەن ئايروپىلان ھەققىدە توختالدى ۋە تۈركىيەنىڭ ئەپۇ سورىمايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەنلىكىنى ئەسكەرتىپ: «قانداق قىلىمىز، بۇ تۈركىيەنىڭ تاللىشى» دېدى. ئۇ ب د ت (بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى) كۈنلۈكى ئاستىدا تېررورلۇققا قارشى كۈرەش بىرلىك سېپى تەشكىللەشنى خالايدىغانلىقلىرىنى ئېيتتى.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر