ئىراندا يەر تەۋرىدى

ئىراننىڭ غەربىي جەنۇبىي قىسمىغا جايلاشقان ھۇزىستان ئۆلكىسىگە قاراشلىق مەسجىدى سۇلايمان شەھىرىدە 5.3 بال يەر تەۋرەش ۋەقەسى مەيدانغا كەلدى.

422468
ئىراندا يەر تەۋرىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تېھران ئۇنىۋېرسىتېتى گېئوفىزىكا ئېنىستىتۇتى يەر تەۋرەش مەركىزى، شۇ جاي 0 دىن 47 مىنۇت ئۆتكەندە مەيدانغا كەلگەن 5.3 بال يەر تەۋرەش ۋەقەسىنىڭ يەرنىڭ 12 كىلومېتىر چوڭقۇرلۇقىدا يۈز بەرگەنلىكىنى ئۇقتۇردى.

مەركىزىي نۇقتىسى مەسجىدى سۇلايمان شەھىرىگە 22 كىلومېتىر كېلىدىغان يەردە بولغان مەزكۇر يەر تەۋرەشتە ئادەم ئۆلۈش ياكى يارىلىنىش ئەھۋالىنىڭ كۆرۈلگەن ياكى كۆرۈلمىگەنلىكى توغرىسىدا مەلۇمات بېرىلمىدى.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر