ناتو تۈركىيەنى قوغداش تەدبىرلىرىنى كۈچەيتىدۇ

تۈركىيەنىڭ شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىدا تۇرۇشلۇق دائىمىي ۋەكىلى مەھمەت فاتىھ جەيلان ناتونىڭ تۈركىيەنىڭ مۇداپىئە تەدبىرلىرىنى كۈچەيتىش ۋە تەشكىلاتنىڭ تاقابىل تۇرۇش ئىقتىدارىنى يەنىمۇ يۈكسەك سەۋىيەگە يەتكۈزۈش يولىدا يېڭى قەدەملەرنى تاشلاشغا تەييارلى

422024
ناتو تۈركىيەنى قوغداش تەدبىرلىرىنى كۈچەيتىدۇ

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: رۇسىيەنىڭ بىر ئۇرۇش ئايروپىلانى سۈرىيە چېگراسىدا چۈشۈرۈۋېتىلگەندىن كېيىن شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى جىددىي يىغىن چاقىردى.
تۈركىيەنىڭ شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى دائىمىي ۋەكىلى مەھمەت فاتىھ جەيلان TRT نىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا بەرگەن باياناتىدا، يىغىننىڭ تەپسىلاتى ۋە بۇنىڭدىن كېيىن تاشلىنىدىغان قەدەملەر ھەققىدە مەلۇمات بەردى.
جەيلان بۇ قېتىمقىسىنىڭ رۇسىيەنىڭ تۈركىيە چېگراسىغا تۇنجى تاجاۋۇز قىلىشى ئەمەسلىكىنى تەكىتلەپ مۇنداق دېدى: «رۇسىيە ئۇدا ئىككى قېتىم ھاۋا تەۋەلىكىمىزگە تاجاۋۇز قىلدى. جۈملىدىن شەرقىي ئاقدېڭىزدىكى پاراخوتلىرىمىزغىمۇ تاجاۋۇز قىلغانىدى.»
جەيلان، رۇسىيەنى تۈركىيەنىڭ دىپلوماتىك سەۋىيەدە نارازىلىقىنى ئوتتۇرىغا قويغان بولۇشىغا قارىماي پوزىتسىيەنى ئۆزگەرتمىدى دەپ ئەيىبلىدى.
رۇسىيەنىڭ ئىلگىرىكى تاجاۋۇزچىلىق قىلمىشلىرىدىن كەچۈرۈم سورىغانلىقىنى ئەسكەرتكەن جەيلان، «بۇنداق ھادىسىلەر تەكرارلانغان تەقدىردە تۈركىيەنىڭ تېگىشلىك تەدبىرلەرنى قوللىنىدىغانلىقىنى ئوچۇق – ئاشكارا ھالدا رۇسىيە تەرەپكە بىلدۈرگەنىدۇق، بىراق ھاۋا تەۋەلىكىمىزگە بىر قېتىم ئەمەس، ئۇدا 4 قېتىم تاجاۋۇز قىلىشى رۇسىيەنىڭ بۇرۇن بىزگە بەرگەن ئەھدىلىرىگە خىلاپ» دېدى.
رۇسىيەنىڭ سۈرىيەدە دائېشقا قارشى كۈرەش قىلىش دەۋالىرىنىڭ ئادەمنى ئىشەندۈرەلمەيدىغانلىقىنى تەكىتلىگەن جەيلان، «رۇسىيە بومباردىمان قىلىۋاتقان رايون تۈركمەن قېرىنداشلىرىمىز ياشاۋاتقان رايون بولۇپ، ئۇ يەردە دائېش يوق. دائېش يوق يەر نېمىشقا بومباردىمان قىلىنىۋاتىدۇ؟ بۇنى چۈشىنىش ھەقىقەتەنمۇ قىيىن، بۇنىڭغا ئىزاھات بېرىلىشىنى كۈتۈۋاتىمىز» دېدى.
1 – 2 دېكابىر كۈنى چاقىرىلىدىغان شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىرى يىغىندىمۇ تۈركىيەنىڭ مۇداپىئە سىستېمىسىنى كۈچەيتىش پىلانىنىڭ تەستىقلىنىشى مۆلچەرلەنمەكتە.
ئىگىلىنىشىچە، شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى تۈركىيەنىڭ ئۆزىنى مۇداپىئە قىلىش ئىقتىدارىنى مۇشۇ شەكىلدە كۈچەيتىدىكەن.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر