رۇسىيە غەرب دۆلەتلىرىگە ئويۇن ئوينىماقتا

رۇسىيە ئېنېرگىيە جەھەتتىكى ئارۇقچىلىقىدىن پايدىلىنىپ غەرب دۆلەتلىرىگە ئويۇن ئويناشقا باشلىدى.

421702
رۇسىيە غەرب دۆلەتلىرىگە ئويۇن ئوينىماقتا

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: قىش يېقىنلىشىپ قالغان بۇ كۈنلەردە، رۇسىيە ئېنېرگىيە جەھەتتىكى ئارتۇقچىلىقىدىن پايدىلىنىپ، غەربكە كۈچ كۆرسىتىشكە باشلىدى.
رۇسىيە ئېنېرگىيە ئىشلىرى مىنىستىرى ئالېكساندىر نوۋاك ئۇكرائىنا ئالدىن پۇل تاپشۇرمىغان تەقدىردە ئۇكرائىناغا گاز بەرمەيدىغانلىقلىرىنى ئۇقتۇردى، بىراق ئالدىن تاپشۇرىدىغان پۇلنىڭ مىقدارى ھەققىدە مەلۇمات بەرمىدى.
قىرىمدا 1 مىليون كىشىنىڭ توكسىز قېلىشىغا سەۋەب بولغان ئېنېرگىيە ئاقساقلىقى ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنى كەسكىنلەشتۈرۈۋەتكەنىدى.
رايوندا توك توختاپ كېتىشىگە باشقىلارنىڭ بۇزغۇنچىلىق قىلىشىنىڭ سەۋەب بولغانلىقىنى ئېيتقان رۇس مىنىستىر نوۋاك، بۇ مەسىلىنى ھەل قىلمىغان ئۇكرائىنانىنى جىنايەت سادىر قىلىش ئەيىبلىدى.كىرزىس بۇنىڭ بىلەن چەكلىنىپ قالمىغانىدى.
رۇسىيە 1-يانۋاردىن باشلاپ ئۇكرائىنادىن يېمەك-ئىچمەك ئىمپورت قىلمايدۇ. رۇسىيەنىڭ يېمەك-ئىچمەك ئېمبارگو قارارىغا ئۇكرائىنا ھەسسىلەپ جاۋاب قايتۇردى.
ئۇكرائىنا بۇلتۇر رۇسىيە مەجبۇرىي ئۆزىگە قوشۇۋالغان قىرىمغا مال ئەۋەتمەيدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ چەكلىمە قويدى. نەتىجىدە قىرىمغا مال ئەۋەتىش ۋاقتىلىق توختىلىپ قويۇلدى.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر