فىرانسىيە ساقچىلىرى داۋاملىق ئاختۇرۇش ئېلىپ بارماقتا

پارىژدىكى تېررورلۇق ھۇجۇملىرىدىن كېيىن فىرانسىيە ساقچىلىرى داۋاملىق ئاختۇرۇش ئېلىپ بارماقتا.

421427
فىرانسىيە ساقچىلىرى داۋاملىق ئاختۇرۇش ئېلىپ بارماقتا

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: پايتەخت پارىژنىڭ جەنۇبىدىكى بىر ئەخلەت ساندۇقىدا ئادەم بومبا جىلىتكىسى تېپىلدى.
مەلۇماتلارغا قارىغاندا، جىلىتكە تېررورلۇق ھۇجۇملىرىدا ئىشلىتىلگەن جىلىتكە بىلەن ئوخشاش ئىكەن.
پارىژدا 14 – نويابىر كۈنى بىرلا ۋاقىتتا ئېلىپ بېرىلغان تېررورلۇق ھۇجۇملىرىدا 130 كىشى ھاياتىدىن ئايرىلغان، 350 كىشى يارىلانغانىدى.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر