ئوباما:رۇسىيەنىڭ ھەرىكەتلىرى «ئىستراتېگىيەلىك تۈزىتىش» كە موھتاج

ئامېرىكا پىرېزىدېنتى باراك ئوباما موسكۋانىڭ ئەسەدنى ھاكىمىيەت بېشىدا تۇتۇپ تۇرۇش تىرىشچانلىقىنىڭ ئۈنۈمى بولمايدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.

421071
ئوباما:رۇسىيەنىڭ ھەرىكەتلىرى «ئىستراتېگىيەلىك تۈزىتىش» كە موھتاج

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى پىرېزىدېنتى باراك ئوباما رۇسىيەنىڭ سۈرىيەدىكى ھەرىكەتلىرىگە «ئىستراتېگىيەلىك تۈزىتىش» كىرگۈزۈشى كېرەكلىكىنى ئېيتتى.

مالايشىيا پايتەختى كۇئالا لۇمپۇردا مۇخبىرلارنىڭ سوئاللىرىغا جاۋاب بەرگەن باراك ئوباما، موسكۋانىڭ نۆۋەتتە سۈرىيە پىرېزىدېنتى بەششار ئەسەدنى قوللاۋاتقانلىقى ۋە ئەسەدكە قارشى كۈچلەرگە قارشى كۈرەش قىلىش بىلەن مەشغۇل بولۇۋاتقانلىقىنى، ھالبۇكى دائېش تېررورلۇق تەشكىلاتىغا مەركەزلىشىشىنىڭ «تېخىمۇ پايدىلىق بولىدىغانلىقى» نى ئەسكەرتتى.

سۈرىيەدىكى زوراۋانلىق ۋەقەلىرىنىڭ ئەسەد ھاكىمىيەت بېشىدىلا بولىدىكەن ئاخىرلاشمايدىغانلىقىنى تەكىتلىگەن ئوباما، «ئۇنى (پىرېزىدېنت ئەسەدنى) ھاكىمىيەت بېشىدا تۇتۇپ تۇرۇش تىرىشچانلىقىنىڭ ئۈنۈمى بولمايدۇ» دېيىش ئارقىلىق موسكۋا بىلەن ئەسەدنىڭ چېكىنىشى دېگەن مەنىدە قىلىپ، ‹رەھبەر ئۆزگىرىشى› مەسىلىسىدە كېلىشىشنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى ئەسكەرتتى.

باراك ئوباما دۆلىتى ۋە ئىتتىپاقداشلىرىنىڭ دائېشنى يوقىتىپ تاشلايدىغانلىقىنى ئېيتتى. دۇنيانىڭ ئاشقۇن تەشكىلاتلارنىڭ پارىژ ۋە باشقا يەرلەردە پۇقرالارغا ھۇجۇم قىلىشىنى قوبۇل قىلالمايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن ئوباما، «تېررورلۇق تەشكىلاتىنىڭ پۈتۈنلەي تازىلىنىشى ئۈچۈن پۈتۈن كۈچۈم بىلەن تىرىشىۋاتىمەن. دائېشنىڭ يوقىتىش ئۈچۈن قىلىنىدىغان ئىشلارنىڭ بېشىدا تەشكىلاتنىڭ مالىيە مەنبەلىرىنى ئۈزۈپ تاشلاش ۋە تېررورچى لىدېرلارنى قولغا چۈشۈرۈش ئورۇن ئالىدۇ» دېدى.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر