ئىراق ئاۋىياتسىيە قاتنىشىنى توختاتتى

ئىراق دائىرىلىرى ئەربىل بىلەن سۇلايمانىييە ئايرودۇرۇملىرىدىكى ئايروپىلان سەپەرلىرىنى 48 سائەت بويىچە توختىتىپ قويدى.

367923
ئىراق ئاۋىياتسىيە قاتنىشىنى توختاتتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىراق پۇقرالار ئاۋىياتسىيە ئورگىنى، ھازار دېڭىزىدىن دائېشنىڭ سۈرىيەدىكى نىشانلىرىغا قويۇپ بېرىلىدىغان باشقۇرۇلىدىغان بومبىلارنى نەزەردە تۇتۇپ، ئەربىل بىلەن سۇلايمانىييە ئايرودۇرۇملىرىدىكى ئايروپىلان سەپەرلىرىنى 48 سائەت بويىچە توختىتىپ قويدى.

ئىراق پۇقرالار ئاۋىياتسىيە ئورگىنى بۇ ھەقتە بايانات بېرىپ، باشقۇرۇلىدىغان بومبىلارنىڭ يولۇچىلار ئايروپىلانلىرىغا زىيان يەتكۈزمەسلىكى ۋە يولۇچىلارنىڭ بىخەتەرلىكىنى كاپالەتكە ئىگە قىلىش مەقسىتىدە يۇقىرىدىكى ئىككى ئايرودۇرۇمنىڭ ئايروپىلان سەپەرلىرىنىڭ ئەمەلدىن قالدۇرۇلغانلىقىنى ئۇقتۇردى.

بۇنىڭدىن ئىلگىرى دائېشقا قارشى كۈرەش دائىرىسىدە سۈرىيە، ئىران ۋە ئىراق بىلەن ئورتاق ھەرىكەت قىلىشنى قارار قىلغان رۇسىيە، بۇ دائىرىدە سۈرىيەدىكى دائېش نىشانلىرىنى بومباردىمان قىلىش ئۈچۈن ھازار دېڭىزىدىكى ئۇرۇش پاراخوتلىرىدىن باشقۇرۇلىدىغان بومبا قويۇپ بەرگەنىدى.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر