سۈرىيەنىڭ كېلەچىكى زادى قانداق بولىدۇ؟

ئىستانبۇلدا سۈرىيەلىك ئۆكتىچىلەرنىڭ ۋەكىللىرى سۈرىيەنىڭ كېلەچىلىكى ئۈستىدە كېڭەش ئۆتكۈزدى.

420958
سۈرىيەنىڭ كېلەچىكى زادى قانداق بولىدۇ؟

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: سۈرىيەدىكى ھەر قايسى ئۆكتىچىلىرىنىڭ ۋەكىللىرى قاتناشقان «سۈرىيەنىڭ كېلەچىكىسى» تېمىلىق يىغىندا بىرلىكتە ياشاشنىڭ يوللىرى ئۈستىدە مۇزاكىرە ئۆتكۈزۈلدى.
ئەسەدنىڭ نۇسايرىلارغا ۋەكىللىك قىلالمايدىغانلىقىنى بىردەك تەكىتلەشكەن ئۆكتىچىلەر سۈرىيەلىك نۇسايرىلار ئۈچۈن كېلەچەكتە قايسى يولنىڭ تۇتۇلىدىغانلىقى ئۈستىدە كېڭەش ئۆتكۈزگەنلىكلىرىنى بىلدۈرۈشتى.
ئۆكتىچىلەر: «ئەسەد ھاكىمىيىتى ئىنسانلارنىڭ جېنىغا زامىن بولماقتا، بىراق ھەممىمىز كېلەچەكتە بىرلىكتە ياشاشنى تەكىتلەپ كېلىۋاتىمىز. تىنچلىق، دېموكراتىك، خەلقچىل، قانۇننىڭ ئۈستۈنلۈكىگە تايانغان دۆلەتتە ياشاش ئۈچۈن تىرىشچانلىق كۆرسىتىپ كېلىۋاتىمىز.»
يىغىندا كۆچمەنلەر مەسىلىلىرىمۇ كېڭەش قىلىندى.
تۈركىيەنىڭ دوستانە مۇئامىلىسىدىن تولىمۇ مەمنۇن ئىكەنلىكلىرىنى بىلدۈرۈشكەن ئۆكتىچىلەر، 2 مىليون 500مىڭ ئىنساننىڭ تۈركىيەدە خاتىرجەم ياشاۋاتقانلىقىنى ئەسكەرتىشتى.
كۆچمەنلەر مەسىلىسىنى ئەسەد ھاكىمىيىتىنىڭ سىياسەتلىرى كەلتۈرۈپ چىقارغانلىقىنى ئىپادە قىلىشقان سۈرىيەلىك ئۆكتىچىلەر مۇنداق دېيىشتى: «كۆچمەنلەر ياشاۋاتقان دۆلەتلەردە ئۇلارنىڭ تۇرمۇش شارائىتىنى ياخشىلاشنىڭ يوللىرى ئۈستىدە ئىزدىنىش كېرەك، نەپرەت ۋە ئۆچمەنلىكنى تۈگىتىشنىڭ يوللىرى ئۈستىدە باش قاتۇرۇش لازىم. دۇنيا دۆلەتلىرى كۆچمەنلەرگە ئىشىكلىرىنى ئېچىشى كېرەك.»
ئىككى كۈن داۋاملاشقان يىغىننىڭ ئاخىرىدا يىغىن دوكلاتى ئېلان قىلىنىپ مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا ئوقۇپ ئۆتۈلدى، يىغىن دوكلاتىدا مۇنداق دېيىلدى: «ئەسەد ۋە ھاكىمىيىتى سۈرىيەدىكى ۋەيرانچىلىق ۋە ئۆلۈملەرنىڭ جاۋابكارىدۇر. سۈرىيەنىڭ مەزھەپ ئۇرۇشىغا ئىتتىرىلىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىشنى، سۈرىيەنىڭ زېمىن پۈتۈنلۈكى قوغدىلىپ كۆپ سانلىق، دېموكراتىك ۋە مەدەنىي بىر دۆلەت قۇرۇشنى مەقسەت قىلىمىز.»


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر