مۇساپىرلار قەھرىتان سوغۇققا قارىماي ياۋروپاغا سەلدەك ئاقماقتا

ئىراق، سۈرىيە ۋە ئافغانىستانلىق مۇساپىرلار قەھرىتان سوغۇققا قارىماي ياۋروپاغا سەلدەك ئاقماقتا.

421119
مۇساپىرلار قەھرىتان سوغۇققا قارىماي ياۋروپاغا سەلدەك ئاقماقتا

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: سىلوۋېنىيەدە ئىككى كۈندىن بۇيان ھاۋانىڭ تېمپېراتۇرىسى سوۋۇپ كەتكەن بولسىمۇ كۆچمەن دولقۇنى يەنىلا داۋاملاشماقتا.
تۈنۈگۈن 6298 كۆچمەننىڭ ساقچىلارنىڭ ھەمراھلىقىدا سىلوۋېنىيەگە كىرىشى بىلەن سىلوۋېنىيەدىكى كۆچمەن سانى 255مىڭ 446 غا يەتتى.
كۆچمەنلەر دېڭىز يولى ئارقىلىق دەسلەپ گىرېتسىيە ئارقىدىن ماكېدونىيە، كەينىدىن سېربىيە ۋە كىرودىيە ئارقىلىق سىلوۋېنىيەگە ماڭماقتا.
ماكېدونىيە، سېربىيە ۋە كىرودىيە قاتارلىق دۆلەتلەر بىر نەچچە كۈن ئىلگىرى قارار چىقىرىپ سۈرىيە، ئىراق ۋە ئافغانىستانلىق كۆچمەنلەرنىلا قوبۇل قىلىدىغانلىقىنى ئۇقتۇرغانىدى.
قاراردىن كېيىن بولۇپمۇ ماكېدونىيە-گىرېتسىيە چېگرىسىدا ساقچىلار بىلەن مۇساپىرلار ئوتتۇرىسىدا سۈركىلىش يۈز بەرگەنىدى.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر