ئامېرىكىدا جۇمھۇرىيەتچىلەر ئىسلامغا زىت گەپلەرنى قىلدى

ئامېرىكىدا جۇمھھۇرىيەت پارتىيەسىنىڭ نامزاتلىرى ئىسلامغا زىت گەپلەرنى قىلىپ مۇسۇلمانلارنىڭ نازارىلىقىنى قوزغىدى.

367776
ئامېرىكىدا جۇمھۇرىيەتچىلەر ئىسلامغا زىت گەپلەرنى قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكا فىرانسىيەنىڭ پايتەختى پارىژدا يۈز بەرگەن قانلىق ۋەقەلەردىن كېيىن، سۈرىيەلىك كۆچمەنلەرنى باھانە قىلىپ باشلىغان ئىسلامغا قارشى زىت گەپلەر جۇھمۇرىيەتچى ۋە دېموكراتچى رەئىس نامزاتلىرىنىڭ ئوتتۇرىسىدا سۈركىلىش كەلتۈرۈپ چىقاردى.
كۆچمەنلەر ھەققىدىكى تالاش-تارتىشلار دەسلەپ بەزى ئىشتات ۋالىيلىرىنىڭ كۆچمەنلەرنى قوبۇل قىلمايدىغانلىقلىرىنى جاكارلاشلىرىدىن كېيىن باشلىدى. كۆپىنچىسى جۇمھۇرىيەتچى بولغان ئەڭ ئاز 30 ئىشتاتنىڭ ۋالىيسى، پارىژ ھۇجۇملىرىدىن كېيىن سۈرىيەلىك كۆچمەنلەرنىڭ ئارىسىغا تېررورچىلارنىڭمۇ سوقۇنۇپ كىرىش ئېھتىمالىنى سەۋەب قىلىپ كۆرسىتىپ، سۈرىيەلىكلەرنى خالىمايدىغانلىقلىرىنى بىلدۈردى.
جۇمھۇرىيەتچى پارتىيەنىڭ رەئىس نامزاتلىرىدىن بېن كارسون، سايلام تەييارلىق خىزمەتلىرىدە مۇساپىرلار ئارىسىغا سوقۇنۇپ كىرىدىغان تېررورچىلارنى «غالجىر ئىت»قا ئوخشاتقانىدى.
دونالد تىرامپمۇ ئامېرىكىدا ياشاۋاتقان مۇسۇلمانلارنى تېخىمۇ نازارەت قىلىش كېرەكلىكىنى بىلدۈردى. جۇمھۇرىيەتچى رەئىس نامزاتى جېب بۇش بىلەن تېد كىرۇزمۇ خىرىستىيان مۇساپىرلارنى قوبۇل قىلىش تەكلىپىنى بەردى.
دېموكراتلارنىڭ نوپۇزلۇق نامزاتلىرىدىن ھىلارى كىلىنتون بىلەن بېرنى ساندېرىس، ھەم تىرام ھەمدە كارسوننىڭ باياناتلىرىنى تەنقىد قىلدى. كىلىنتون ئىجتىمائىي تاراتقۇدا ئۇچۇر تارقىتىپ، پۈتكۈل جۇمھۇرىيەتچىلەرنى بۇ باياناتلارنى رەت قىلىشقا چاقىردى.
ئامېرىكىدىكى مۇسۇلمانلار ھەم كارسون ھەمدە تىرامپنىڭ بۇ ھەقتىكى باياناتلىرىنى قاتتىق ئەيىبلەشتى.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر