ئەسەد: دائېش يوقالمىغۇچە تەختتىن چۈشمەيمەن

سۈرىيە پىرېزىدېنتى بەششار ئەسەد دائېش مەغلۇب بولماي تۇرۇپ تەختتىن چۈشمەيدىغانلىقىنى ئېيتتى.

419688
ئەسەد: دائېش يوقالمىغۇچە تەختتىن چۈشمەيمەن

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: بەششار ئەسەد، ئىتالىيەنىڭ «‹ RAI › تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى» نىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا بەرگەن باياناتىدا، «سۈرىيەنىڭ كۆپلىگەن رايونلىرى تېررورىستلارنىڭ كونتىروللۇقىدا تۇرۇۋاتقان بىر پەيتتە، مەسىلىنى سىياسىي يوللار بىلەن ھەل قىلىش مۇمكىن ئەمەس» دېدى.
دائېش يېڭىلگەندىن كېيىن ھاكىمىيەت ئالماشتۇرۇش مەسىلىسىنىڭ 1 – 2 يىلغا قالمايدىغانلىقىنى ئەسكەرتكەن ئەسەد، پىرېزىدېنت سايلاملىرىدا قايتىدىن نامزات بولۇش ئېھتىماللىقىنىڭ بارلىقىنى، چۈنكى نامزات بولۇشىغا توسالغۇ بولغۇدەك ھېچقانداق بىر قىزىل سىزىقنىڭ يوقلۇقىنى، ئۆزى سايلانغان تەقدىردە، سۈرىيەنىڭ كېلەچىكىنىڭ تېخىمۇ پارلاق بولىدىغانلىقىنى ئېيتتى.
بەششار ئەسەد، سايلام ئۆتكۈزۈلمەستىن ھاكىمىيەت يۈرگۈزگەن تەقدىردە، ئۆزى ئۈچۈنمۇ سىياسىي خاتالىق بولىدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.
ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى پىرېزىدېنتى باراك ئوباما بولسا سۈرىيە كىرىزىسىنىڭ ھەل قىلىنىشى ئۈچۈن ئالدى بىلەن بەششار ئەسەدنىڭ ۋەزىپىسىدىن ئايرىلىشى لازىملىقىنى ئېيتتى.
Sputnik تورىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ئاسىيا تىنچ ئوكيان ئىقتىسادىي ھەمكارلىق يىغىنى ئۈچۈن فىلىپپىننىڭ پايتەختى مانىلادا زىيارەتتە بولۇۋاتقان ئوباما، سۈرىيە مەسىلىسىدە سىياسىي كېلىشىم ھاسىل قىلىنالمىغان تەقدىردە، دائېشنى يېڭىشنىڭ مۇمكىن ئەمەسلىكىنى، بۇنداق كېلىشىم تۈزۈش ئۈچۈن ئالدى بىلەن بەششار ئەسەدنىڭ ۋەزىپىسىدىن ئايرىلىشى كېرەكلىكىنى تەكىتلىگەن.
ئوباما، «مېنىڭچە بەششار ئەسەد ھاكىمىيەت بېشىدا تۇرىدىكەن، سۈرىيەدىكى ئىچكى ئۇرۇشقا خاتىمە بېرىش مۇمكىن ئەمەس» دېگەن.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر