«رۇس ئايروپىلانىغا بومبىنى بىرەر خىزمەتچى قويغان بولۇشى مۇمكىن»

مىسىرنىڭ سىنا يېرىم ئارىلى ھاۋا تەۋەلىكىدە پارتلاپ كەتكەن رۇسىيە يولۇچىلار ئايروپلانىغا بومبىنى شەرمۇششەيخ ئايرودۇرۇمىدىكى خادىملاردىن بىرىنىڭ ئورۇنلاشتۇرغان بولۇش ئېھتىمالىنىڭ بارلىقى بىلدۈرۈلدى.

367106
«رۇس ئايروپىلانىغا بومبىنى بىرەر خىزمەتچى قويغان بولۇشى مۇمكىن»

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: رۇسىيەدە چىقىدىغان كوممېرسانت گېزىتىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، ۋاقىتلىق پارتلاتقۇچنىڭ ئايروپىلاننىڭ يۈك – تاقلار بۆلمىسىگە ئەمەس، يولۇچىلار بۆلمىسىنىڭ دەرىزىگە يېقىن تەرەپتىكى بىر ئورۇندۇقنىڭ ئاستىغا ئورۇنلاشتۇرۇلغان بولۇش ئېھتىمالى كۈچلۈك ئىكەن.

فېدېراتىپ خەۋپسىزلىك ئورگىنى باشلىقى ئالېكساندېر بورتىكوۋ بۇنىڭدىن ئىلگىرى بايانات بېرىپ، مىسىر ئايروپىلانىدىكى خۇسۇسىي نەرسە – كېرەكلەرنىڭ، ۋىزىلارنىڭ ۋە ئايروپىلانغا دائىر زاپچاسلارنىڭ تەكشۈرۈلگەنلىكىنى ۋە ۋەقەگە بىر تېررورلۇق ھۇجۇمى دەپ باھا بېرىشكە بولىدىغانلىقىنى ئېيتقانىدى.

فېدېراتىپ خەۋپسىزلىك ئورگىنىنىڭ يەنە بىر ئەمەلدارى ۋىلادىمىر لۇتسېنكو بولسا، كوممېرسانت رادىيوسىغا بايانات بېرىپ، پارتلاتقۇچنىڭ ناھايىتى چوڭ بىر قۇتىنىڭ ئىچىدە ئىكەنلىكىنى، يۈك – تاق قاچىلاش ئاخىرلىشىپ، ئايروپىلان ئۇچقاندىن كېيىن پارتلىغانلىقىنى، نورمال بىر تەكشۈرۈشتە بايقالماسلىقىنىڭ مۇمكىن ئەمەسلىكىنى، ئۇنىڭ تەكشۈرۈش نۇقتىسىدىن باشقا بىر يەردىن كىرگۈزۈلۈپ ئايروپىلانغا ئورۇنلاشتۇرۇلغانلىقىنىڭ كۈچلۈك ئېھتىماللىق ئىكەنلىكىنى ئېيتتى.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر