ئەنگىلىيە باش ۋەزىرى: دائېش يۇقۇملۇق كېسەلگە ئوخشايدۇ
ئەنگىلىيە باش ۋەزىرى دەيۋىد كېمىرىن پارىژ ھۇجۇملىرىنىڭ ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ تېررورىزمغا قارشى كۈرەش ئىرادىسىنى كۈچەيتىدىغانلىقىنى ئېيتتى.
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: كېمىرىن، بىر مۇراسىمدا سۆزلىگەن نۇتىقىدا، «نە فىرانسىيە، نە ئەنگلىيە، نە باشقا ئىتتىپاقداشلىرىمىز بۇنداق ۋەھشىي ھۇجۇملارغا باش ئەگمەيدۇ، بۇ ھۇجۇملار بىزنىڭ تېررورىزمغا قارشى كۈرەش ئىرادىمىزنى يەنىمۇ كۈچەيتىدۇ» دېدى.
كېمىرىن، ئىسلامنىڭ تىنچلىق دىنى ئىكەنلىكىنى، تېررورلۇق تەشكىلاتى دائېش بىلەن ھېچقانداق مۇناسىۋىتىنىڭ يوقلۇقىنى تەكىتلىدى.
دائېشنىڭ مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇشىغا سەۋەب بولۇۋاتقان ئامىلنى ياخشى ئانالىز قىلىش لازىملىقىنى ئەسكەرتكەن كېمىرىن، كۈرەشنى دائېشنىڭ پىكىرلىرىنى تازىلاش بىلەن باشلاش كېرەكلىكىنى قەيت قىلدى.
كېمىرىن، دائېشنىڭ تېررورلۇق ھۇجۇملىرىنىڭ پۈتكۈل دۇنياغا تېزلا تارقاپ كەتكەن يۇقۇملۇق كېسەلگە ئوخشايدىغانلىقىنى، شۇڭا بۇ ۋەھشىي تەشكىلاتنى يوقىتىشنىڭ بىردىن - بىر چارىسىنىڭ قەتئىي ئىرادە بىلەن كۈرەش قىلىش ئىكەنلىكىنى تەكىتلىدى.
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
ئامېرىكا ئۇكرائىناغا 2 مىليارد دوللار ياردەم بېرىدۇ
ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى ئۇكرائىناغا 2 مىليارد دوللار ياردەم بېرىدۇ.
ئافغانىستاندا ھەربىي تىك ئۇچار چۈشۈپ كەتتى
ئافغانىستاننىڭ غور ۋىلايىتىدە بىر ھەربىي تىك ئۇچار ئايروپىلان دەريا قىرغىقىغا چۈشۈپ كەتتى.