پارىژ ۋەقەسى ئامېرىكىدىكى مۇساپىرلارغىمۇ تەسىر كۆرسەتتى

پارىژ قانلىق ۋەقەسى سەۋەبىدىن ئامېرىكىدا سۈرىيەلىك مۇساپىرلارنى قوبۇل قىلىش ياكى قىلماسلىق توغرىسىدا تالاش-تارتىش كېلىپ چىقتى.

418073
پارىژ ۋەقەسى ئامېرىكىدىكى مۇساپىرلارغىمۇ تەسىر كۆرسەتتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىدا 16 ئىشتاتنىڭ ئىشتات باشلىقلىرى پارىژ قانلىق ھۇجۇملىرىدىن كېيىن سۈرىيەلىك كۆچمەنلەرنىڭ ئىشتاتلىرىغا كىرىشىگە رۇخسەت قىلمايدىغانلىقلىرىنى ئۇقتۇردى.
ئىشتات باشلىقلىرىنىڭ بۇ باياناتلارنى بېرىشىدىن كېيىن ئۇلارنىڭ بۇنداق بىر ھوقۇقىنىڭ يوقلىقى كۈنتەرتىپكە كەلدى. تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى كېلەر يىلى ئامېرىكىغا 10مىڭ سۈرىيەلىك كۆچمەن قوبۇل قىلىش پىلانىدا ھېچقانداق ئۆزگىرىش يوقلىقىنى ئۇقتۇردى. كۆچمەنلەر ھەققىدىكى تالاش-تارتىشلار پارتىيە رەئىسلىك رىقابىتىگىمۇ تەسىر كۆرسەتتى.
جۇمھۇرىيەتچى پارتىيەنىڭ نامزات نامزاتى بولغان بېن كارسىن كۆچمەنلەرنى قوبۇل قىلىشتىن ئىلگىرى ئۇلاردىن ئىمتىھان ئېلىنىش كېرەكلىكىنى تەلەپ قىلدى. جۇمھۇرىيەتچى پارتىيەنىڭ يەنە بىر رەئىس نامزات نامزاتى دونالد تىرامپمۇ تېخىمۇ كۆپ سۈرىيەلىك كۆچمەن قوبۇل قىلىشنىڭ «تەلۋىلىك» بولىدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.
راي سىناشتا خەلقنىڭ يېرىمىدىن كۆپرەكى كۆچمەنلەرنى دۆلەت ئۈچۈن تەھدىت سۈپىتىدە كۆرىدىغانلىقى ئوتتۇرىغا چىقتى. بىراق ئىنسان ھەقلىرى تەشكىلاتلىرى كۆچمەنلەرگە ياخشى مۇئامىلە قىلىنىشى كېرەكلىكىنى بىلدۈرمەكتە.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر