يەمەندىكى قانلىق ھۇجۇمدا نۇرغۇن ئادەم ئۆلدى

يەمەندە ھۇسى مىلىتانلىرى بىلەن پىرىزېدېنت ھادى تەرەپدارلىرى ئوتتۇرىسىدا توقۇنۇش يۈز بېرىپ 10 ئادەم ئۆلدى.

417605
يەمەندىكى قانلىق ھۇجۇمدا نۇرغۇن ئادەم ئۆلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: يەمەننىڭ تايىز شەھىرىدە يول بويىغا ئورۇنلاشتۇرۇلغان بىر مىنانىڭ پارتلىشى نەتىجىسىدە 9 ئادەم ئۆلدى.
ھۇسى ئەنسۇرۇللاھ ھەرىكىتىنىڭ ئەزالىرى بولغان ھۇسى مىلىتانلىرى تەرىپىدىن يول بويىغا ئورۇنلاشتۇرۇلغان مىنانىڭ، بىر يولۇچى ئاپتوبۇسنىڭ ئۆتۈشى ئەسناسىدا پارتلىشى نەتىجىسىدە 17 ئادەم يارىلاندى.
بۇنىڭدىن باشقا، شەۋبە ۋىلايىتىگە قاراشلىق بىجان ناھىيەسىدە، پىرىزېدېنت ئابدۇرابى مەنسۇر ھايدىنى قوللايدىغان خەلق قارشىلىق كۆرسىتىش كۈچلىرىنىڭ ھۇسىلەرگە تەۋە بىر ئاپتوموبىلنى نىشان قىلغان ھۇجۇمىدا 6 مىلىتان ئۆلدى.
نەق مەيداننى كۆرگۈچىلەرمۇ ھۇسى مىلىتانلارنىڭ ئۇساۋفىرا، كەلابە، دۇمغا ۋە سابات قاتارلىق مەھەللىلەرگە ئوق چىقارغانلىقىنى ۋە بەزى ئۆيلەردىن ئىس-تۈتەك كۆتۈرۈلگەنلىكىنى بىلدۈرۈشتى.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر