بان كىمۇن راستىنلا شىمالىي كورىيەنى زىيارەت قىلامدۇ؟

بان كىمۇن 22يىلدىن بۇيان شىمالىي كورىيەنى زىيارەت قىلىدىغان تۇنجى ب د ت باش كاتىپى بولىدۇ.

417780
بان كىمۇن راستىنلا شىمالىي كورىيەنى زىيارەت قىلامدۇ؟


تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ جەنۇبىي كورىيەلىك باش كاتىپى بان كىمۇن، 22 يىلدىن بۇيان شىمالىي كورىيەنى زىيارەت قىلىدىغان تۇنجى ب د ت باش كاتىپى بولىدۇ.
يونھاپ خەۋەر ئاگېنتلىقى «بىر يۇقىرى دەرىجىلىك ب ت د ئەمەلدارىنىڭ» مەلۇماتىغا ئاساسلىنىپ بەرگەن خەۋىرىدە، بان كىمۇننىڭ شىمالىي كورىيەنىڭ ياش رەھبىرى كىم جوڭ ئۇن بىلەن كۆرۈشىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
ئىسمىنى ئاشكارىلاشنى خالىمىغان ب د ت ئەمەلدارى بان كىمۇننىڭ زىيارىتىنىڭ شىمالىي كورىيە بىلەن بولغان مۇناسىۋەتلەردە بۇرۇلۇش نۇقتىسى بولىدىغانلىقىنى ئەسكەرتتى. بان كىمۇن شىمالىي كورىيە زىيارىتى ھەققىدە ھازىرغىچە ئېنىق مەلۇمات بەرمىدى.
جەنۇبىي كورىيە پىرىزېدېنتى پارك گىئۇن خىيىۋ بان كىمۇننىڭ زىيارىتىدىن خەۋىرى يوقلىقىنى قەيت قىلدى.
پىيوڭياڭ ھاكىمىيىتى بان كىمۇننى مايدا چېگرا ئېغىزى كاسوڭدىكى سانائەت رايونىغا تەكلىپ قىلغانىدى، بىراق بۇ تەكلىپ تۇيۇقسىز سەۋەبسىزلا بىكار قىلىنغانىدى.
شىمالىي كورىيەنى ئەڭ ئاخىرقى قېتىم 1993-يىلى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ ئەينى دەۋىردىكى باش كاتىپى بۇتروس بۇترو گالى زىيارەت قىلغانىدى.
شىمالىي كورىيەنىڭ 2013-يىلى 12-فېۋرالدا بارلىق ئاگاھلاندۇرۇلۇشلارغا قارىماي، ئۈچىنچى يادرو سىنىقىنى ئېلىپ بېرىشى پۈتكۈل دۇنيانىڭ نارازىلىقىنى قوزغىغان بولۇپ، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى خەۋپسىزلىك كېڭىشى 7-مارتتا پىيوڭياڭ ھاكىمىيىتىگە يۈرگۈزۈلىدىغان يېڭى ئېمبارگو لايىھەسىنى ماقۇللىغانىدى.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر