APEC يىغىنى فىلىپپىندا چاقىرىلىدۇ

فىلىپپىن ئاسىيا تىنچ ئوكيان ئىقتىسادىي ھەمكارلىق تەشكىلاتى (APEC) ئالىي دەرىجىلىكلەر يىغىنىغا ساھىبخانلىق قىلىشقا تەييارلانماقتا.

417895
APEC يىغىنى فىلىپپىندا چاقىرىلىدۇ

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئاسىيا تىنچ ئوكيان ئىقتىسادىي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ 18 ۋە 19- نويابىر كۈنلىرى فىلىپپىندە چاقىرىلىدىغان يىغىنىغا ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى پىرېزىدېنتى باراك ئوباما، خىتاي دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ ۋە كانادا باش مىنىستىرى جاستىن ترۇدېئۇ قاتارلىق كۆپلىگەن ئەللەرنىڭ رەھبەرلىرى ئىشتىراك قىلىدۇ.

دۇنيا ئىقتىسادىنىڭ يېرىمىغا يېقىنى ۋە دۇنيانىڭ كىشى بېشىغا توغرا كېلىدىغان كىرىمىنىڭ %57 سىگە ۋەكىللىك قىلىدىغان دۆلەتلەرنىڭ رەھبەرلىرى بۈگۈندىن باشلاپ مانىلاغا قاراپ يولغا چىقىشقا باشلىدى.

يىغىن پارىژدا مەيدانغا كەلگەن بومبىلىق ھۇجۇملارنىڭ كۈلەڭگىسى ئاستىدا ئۆتكۈزۈلىدۇ.

يىغىنغا ساھىبخانلىق قىلىدىغان مانىلا شەھىرىدە بىخەتەرلىك تەدبىرلىرى ئەڭ يۇقىرى سەۋىيەگە كۆتۈرۈلدى.

سابىق پىرېزىدېنت فىدېل راموس خەۋپسىزلىك كۈچلىرىنىڭ دۆلەتنىڭ جەنۇبىدا پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقان ئەبۇ سەيياف تەشكىلاتىدىن ھوشيار بولۇش كېرەكلىكىنى تەكىتلىدى.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر