رۇس ئايروپىلانلىرى سۈرىيەدىكى بىر مەكتەپنى بومباردىمان قىلدى

رۇسىيە ئارمىيەسىگە تەۋە ئۇرۇش ئايروپىلانلىرى سۈرىيەنىڭ ئىدلىب شەھىرىدىكى بىر مەكتەپنى بومباردىمان قىلدى.

366184
رۇس ئايروپىلانلىرى سۈرىيەدىكى بىر مەكتەپنى بومباردىمان قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: رۇسىيە ئۇرۇش ئايروپىلانلىرى ئىدلىب شەھىرىدىكى بىر مەكتەپنى بومباردىمان قىلىپ، بىر نەپىرى ئوقۇغۇچى بولۇپ جەمئىي 3 ئادەمنىڭ ئۆلۈمى، 13 ئادەمنىڭ يارىلىنىشى كەلتۈرۈپ چىقاردى.

ناھىيە تەۋەلىكىدىكى پۇقرالارنى مۇداپىئە قىلىش ئەترىتىدىن ئۆمەر ئۇلۋان، مەكتەپنىڭ تېمىنىڭ ئۆرۈلۈپ چۈشكەنلىكىنى، مەكتەپ باغچىسىدا چوڭقۇر ئازگال شەكىللەنگەنلىكىنى قەيت قىلدى. سۈرىيەگە دائېش تېررورلۇق تەشكىلاتىغا قارشى كۈرەش قىلىدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈپ كەلگەن رۇسىيە ئارمىيەسىنىڭ ئۇرۇش ئايروپىلانلىرى ھۇمۇس، ھاما، ھەلەب ۋە ئىدلىبتىكى كۆپلىگەن ئاھالىلەر رايونلىرىغا ھۇجۇم قىلماقتا. رۇسىيە ئۇرۇش ئايروپىلانلىرى مەزكۇر شەھەرلەردىكى ئالدىنقى سەپلەردە ئەسەد كۈچلىرىگە ھاۋادىن ياردەم بەرمەكتە.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر