پارىژ تېررورلۇق ۋەقەسى غەرب ئەللىرىنى قوزغىتىۋەتتى

پارىژ تېررولۇق ۋەقەسىگە چېتىشلىق گۇماندارلارنىڭ سالاھىيىتى ئۈستىدە جىددىي تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىلماقتا.

417208
پارىژ تېررورلۇق ۋەقەسى غەرب ئەللىرىنى قوزغىتىۋەتتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: فىرانسىيە ساقچىلىرى پايتەخت پارىژدا يۈز بېرىپ ئەڭ ئاز 129 ئادەمنىڭ ئۆلۈمىگە، 352 ئادەمنىڭ يارىلىنىشىغا سەۋەب بولغان ھۇجۇملارغا چېتىشلىق تېررورچىلارنىڭ سالاھىيىتى ئۈستىدە جىددىي تەكشۈرۈش ئېلىپ بارماقتا.
ساقچىلار باتاكلان كونسېرت زالىدىكى ئادەم بومبا ھۇجۇمىنى سادىر قىلغان فىرانسىيەدە تۇغۇلغان 29 ياشلىق زوراۋاننىڭ ئائىلە ئەزالىرى ياشاۋاتقان ئۆيلەرنى ئاختۇرۇپ، زوراۋاننىڭ دادىسى بىلەن ئىنىسىنى نازارەت ئاستىغا ئالدى. بۇ ئارىلىقتا، مەلۇم بىر فىرانسىيە تېلېۋىزىيە قانىلى بۇ قېتىمقى تېررورلۇق ھۇجۇمىنى پىلانلىغۇچىلاردىن ئىككىسىنىڭ ئىلگىرى گىرېتسىيەدىن سىياسىي پاناھلىق تىلىگەنلىكىنى ئۇقتۇردى.
فىرانسىيە ساقچىلىرى گىرېتسىيە دائىرلىرىدىن بۇ ئىككى تېررورچىنىڭ بارماق ئىزىنى ئەۋەتىشنى تەلەپ قىلدى.
پارىژدىكى قانلىق ھۇجۇمغا ئەڭ ئاز بىر بېلگىيەلىكنىڭ چېتىشلىق ئىكەنلىكىگە دائىر قاراشلارنىڭ ئوتتۇرىغا چىقىشىدىن كېيىن بېلگىيە ساقچىلىرىمۇ ھەرىكەت ئېلىپ بېرىپ بىر گۇماندارنى نازارەت ئاستىغا ئالدى.
نۇرغۇن ئادەم ئۆلگەن باتاكلان كونسېرت زالىغا يېقىن جايدا بېلگىيەگە تەۋە بىر ماشىنىنىڭ توختىتىپ قويۇلۇشى ئەڭ ئاز بىر بېلگىيەلىكنىڭ بۇ قېتىمقى ھۇجۇم بىلەن چېتىشلىقى بولۇشتەك گۇماننىڭ كېلىپ چىقىشىغا سەۋەب بولغانىدى.
نەق مەيداندىن ئېلىپ كېتىلگەن ماشىنىنىڭ تېررورچى ياكى تېررورچىلار تەرىپىدىن ئىشلىتىپ ئىشلىتىلمىگەنلىكى ھازىرچە ئېنىق ئەمەس. بېلگىيە ئىچكى ئىشلار مىنىستىرى جېن جامبونمۇ، بۇ ھەقتىكى قاراشلاردىن خەۋەردار ئىكەنلىكلىرىنى ۋە ھۇجۇمغا بېگىيەلىك گۇماندارنىڭ چېتىشلىق ياكى ئەمەسلىكىنى ئېنقلاپ چىقىش ئۈچۈن فىرانسىيە دائىرلىرى بىلەن ئالاقە ئورناتقانلىقلىرىنى ئېيتتى.
ھۇجۇمدىن كېيىن بېلگىيە بىخەتەرلىك كابىنتى فىرانسىيەدىن قۇرۇقلۇق، تۆمۈر يول ۋە ھاۋا يولى بىلەن كەلگەن بارلىق يولۇچىلارنى ئاختۇرۇشنى ۋە قاتناش بېكەتلىرىنىڭ بىخەتەرلىك تەدبىرلىرىنى ئاشۇرۇشنى قارار قىلدى.
پارىژ قانلىق ۋەقەسى ۋېنگىرىيەنىمۇ ھەرىكەتلەندۈرۈۋەتتى. ۋېنگىرىيە باش مىنىستىرى ۋىكتور ئوربان، پارىژدىكى تېررورلۇق ۋەقەلىرى سەۋەبلىك ۋېنگىرىيەنىڭ بىخەتەرلىك تەدبىرلىرىنىڭ كۈچەيتىلگەنلىكىنى ئۇقتۇردى.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر