خىتايدا پارتلاش يۈز بېرىپ، 4 كىشى ئۆلدى

گۇاڭشىدا بىر ئۆيدە پارتلاش ۋەقەسى يۈز بېرىپ، 4 ئادەم قازا قىلدى.

416306
خىتايدا پارتلاش يۈز بېرىپ، 4 كىشى ئۆلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: خىتاي تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، 12-نويابىر چۈش تەرەپلەردە، گۇاڭشى ئۆلكىسى ماشەن ناھىيەسى بەيشەن بازىرى شاڭلوڭ كەنتىدە پارتلاش ۋەقەسى يۈز بېرىپ، ئىككى قەۋەتلىك بىر ئۆي ئۆرۈلۈپ چۈشكەن. ۋەقە يۈز بەرگەندىن كېيىن جامائەت خەۋپسىزلىكى ساقچىلىرى نەق مەيداندىكى 80 دىن ئارتۇق كىشىنى تارقاقلاشتۇرغان ھەمدە نەق مەيداننى ئومۇميۈزلۈك كونترول قىلغان. دەسلەپكى قەدەمدە تەكشۈرۈش ئارقىلىق، پارتلاشنى ئۆي ئىگىسى ئۆزى ياسىۋالغان پارتلاتقۇچ كەلتۈرۈپ چىقارغانلىقى ئېنىقلاپ چىقىلغان، يارىلانغان 4 كىشى دوختۇرخانىغا ئېلىپ بېرىلىش جەريانىدا ئۆلگەن.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر