خىتايدا بىر كىشىگە بېرىلگەن ئۆلۈم جازاسى ئىجرا قىلىندى

گۇاڭشى جۇاڭزۇ ئاپتونوم رايونىدا بالىسىنى نوپۇسقا ئالغىلى ئۇنىمىغان ئىككى مەمۇرنى ئۆلتۈرۈۋەتكەن كىشىگە بېرىلگەن ئۆلۈم جازاسى ئىجرا قىلىندى.

416564
خىتايدا بىر كىشىگە بېرىلگەن ئۆلۈم جازاسى ئىجرا قىلىندى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: «جەنۇبىي سەھەر پوچتىسى گېزىتى» دە ئېلان قىلىنغان خەۋەرگە ئاساسلانغاندا، گۇاڭشى جۇاڭزۇ ئاپتونوم رايونى دوڭشىڭ شەھەرلىك نوپۇس ئىدارىسىدە، تۆتىنچى بالىسىنى نوپۇسقا ئېلىشنى رەت قىلغان ئىككى مەمۇرنى ئۆلتۈرۈش ۋە ئۈچ كىشىنى يارىلاندۇرۇش جىنايىتى بىلەن ئەيىبلەنگەن خى شىنگوغا بېرىلگەن ئۆلۈم جازاسى ئىجرا قىلىنغان.
خەۋەردە قەيت قىلىنىشىچە، بۇ ۋەقە 2013 – يىلى يۈز بەرگەن بولۇپ، 2014 – يىلى ئېچىلغان سوتتا خى شىنگو ئۆلۈمگە ھۆكۈم قىلىنغان.

خەۋەردە، خى شىنگونىڭ ئىككىنچى ۋە ئۈچىنچى پەرزەنتلىرىگە نوپۇس بېرىلىپ – بېرىلمىگەنلىكى ھەققىدە مەلۇمات بېرىلمىدى. خىتاينىڭ نوپۇس تۈزۈمىدە، نوپۇسى بولمىغان كىشىلەر دۆلەتنىڭ مائارىپ ۋە سەھىيە قاتارلىق نۇرغۇنلىغان ساھەلەردىن پايدىلىنالمايدۇ.
خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇزۇن يىللاردىن بۇيان داۋاملىشىپ كەلگەن بىر پەرزەنتلىك بولۇش سىياسىتىنىڭ ئەمەلدىن قالدۇرۇلۇپ، ئىككى پەرزەنتلىك بولۇش سىياسىتىنى يولغا قويۇش توغرىسىدا قارار ئېلىنغانلىقىنى ئېلان قىلغان ئىدى.
خىتاينىڭ پىلانلىق تۇغۇت سىياسىتى 1980 - يىلى تېز كۆپىيىۋاتقان نوپۇسنى كونترول ئاستىغا ئېلىش ئۈچۈن يولغا قويۇلغان بولۇپ، شەھەر نوپۇسىدىكىلەرگە بىر بالىلىق بولۇش، يېزا نوپۇسىدىكىلەرگە ئىككى بالىلىق بولۇش چەكلىمىسى كەلتۈرۈلگەن ئىدى.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر