ھىندونېزىيە: ئاراللار مەسىلىسىنى خەلقئارا سوتقا توشۇيمىز

ھىندونېزىيە بىخەتەرلىك ئىشلىرىغا مەسئۇل پانجايتان: «مەسىلىنىڭ دىيالوگ يولى بىلەن ھەل قىلىنىشىنى ئۈمىد قىلىمىز. ئەكسىچە بولغاندا، مەسىلىنى خەلقئارالىق سوتقا توشۇيمىز» دېدى.

415634
ھىندونېزىيە: ئاراللار مەسىلىسىنى خەلقئارا سوتقا توشۇيمىز

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ھىندونېزىيە مەملىكەتلىك بىخەتەرلىك ئىشلىرىغا مەسئۇل لۇھۇت پانجايتان مۇخبىرلارنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا، جەنۇبىي دېڭىزدىكى ئىگىلىك ھوقۇق دەۋالىرى پەيدا قىلغان كەسكىن ۋەزىيەتنىڭ دىيالوگ يولى بىلەن ھەل قىلىنىشى كېرەكلىكىنى، ئەكسىچە بولغاندا، مەسىلىنى خەلقئارا سوتقا توشۇيدىغانلىقلىرىنى ئېيتتى. ئۇ مەسىلىنى ھەل قىلىش ئۈچۈن دىيالوگ يولىنى تاللىغانلىقلىرىنى ئەسكەرتتى ۋە ئىگىلىك ھوقۇقى تالاش – تارتىش قىلىنىۋاتقان ئاراللار ئۈستىدە كۆپ خىزمەت ئىشلەۋاتقانلىقىرىنى، مەسىلىنىڭ ھىندونېزىيەگىلا ئەمەس، بەلكى مالايشىيا، بىرۇنى، ۋىيېتنام، فىلىپپىن قاتارلىق دۆلەتلەرگىمۇ مۇناسىۋەتلىك ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.
نېفىت ۋە تەبىئىي گاز زاپىسى مول بولغان، بېلىقچىلىق ئۈچۈنمۇ مول مەنبەگە ئىگە جەنۇبىي دېڭىزدىكى ئاراللار، ھىندونېزىيە، بىرۇنى، مالايشىيا، ۋىيېتنام، فىلىپپىن، تەيۋەن ۋە خىتاي قاتارلىق دۆلەتلەر ئارىسىدا ئۇزۇن ۋاقىتتىن بۇيان ئىگىلىك ھوقۇق تالاش – تارتىشىنى كەلتۈرۈپ چىقاردى.
ھىندونېزىيە پىرېزىدېنتى جوكو ۋىدودو ئىككى ھەپتە بۇرۇن ۋاشىنگتوندا زىيارەتتە بولغاندا برۇكىڭىس ئىنىستىتۇتىدا سۆز قىلىپ، خىتاي ۋە شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا دۆلەتلىرىنى جەنۇبىي دېڭىزدىكى ئاراللار مەسىلىسىنى ھەل قىلىش ئۈچۈن ئۇچرىشىشلارنى باشلاشقا چاقىردى.
خىتاي 1948 – يىلى ئېلان قىلىنغان «توققۇز سىزىقلىق خەرىتە» نى ئاساس قىلىپ، جەنۇبىي دېڭىزنىڭ تەخمىنەن %80 نىڭ ئۆزىگە تەۋە ئىكەنلىكىنى دەۋا قىلىدۇ. تەيۋەن بىلەن فىلىپپىنمۇ ئوخشاش ئۇسۇلدا جەنۇبىي دېڭىزنىڭ ئۆزلىرىگە تەۋە ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ. ئەمما، ب د ت دېڭىز ئەھدىنامىسىگە ئاساسلانغاندا، بۇ رايون فىلىپپىن، ۋىيېتنام ۋە مالايشىيا قاتارلىق دۆلەتلەرنىڭ 200 مىللىلىق «مەخسۇس ئايرىلغان ئىقتىسادىي رايولىرى» نىڭ ئىچىدىن ئورۇن ئالىدۇ.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر