بان كىمۇن مۇساپىرلار ئالىي كومېسسارلىقىغا يېڭى باشلىق تەيىنلىدى

ب د ت باش كاتىپى بان كىمۇن، ب د ت مۇساپىرلار ئالىي كومېسسارلىقىنىڭ باشلىقى ئانتونىئو گۇتېررېسنىڭ ئورنىغا ئىتالىيەلىك دىپلومات فىلىپپو گراندىنى تەيىنلەيدىغانلىقىنى ئۇقتۇردى.

415745
بان كىمۇن مۇساپىرلار ئالىي كومېسسارلىقىغا يېڭى باشلىق تەيىنلىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ب د ت باش كاتىپى باياناتچىسىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، باش كاتىپ ب د ت دىكى رايونلار گۇرۇپپىلىرىنىڭ باشلىقلىرى بىلەن كۆرۈشكەندىن كېيىن يېڭى ئالىي كومېسسارلىققا گراندىنى تاللىغان. گراندىنىڭ ۋەزىپىسىنىڭ رەسمىيلىشىشى ب د ت ئومۇمىي كېڭىشىنىڭ ماقۇللۇقىدىن ئۆتۈشنى تەلەپ قىلىدۇ. ب د ت ئومۇمىي كېڭەش باشلىقى موگېنسمۇ بۇ ھەقتە بايانات بېرىپ، باش كاتىپنىڭ قارارىنىڭ ئۆزلىرىگە يەتكۈزۈلگەنلىكىنى، بۇ مەسىلىنى ئالدىمىزدىكى ھەپتە ئومۇمىي كېڭەشكە سۇنىدىغانلىقىنى ئۇقتۇردى. ئىگىلىنىشىچە، باش كاتىپنىڭ بۇ قارارىغا ھېچقانداق تەرەپنىڭ قارشى چىقىش ئېھتىماللىقى يوق ئىكەن.

ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشىدىن كېيىنكى ئەڭ چوڭ مۇساپىرلار كىرىزىسىغا دۇچ كەلگەن ئالىي كومېسسارلىققا باشلىق بولىدىغان فىلىپپو گراندى، 2010- يىلىدىن 2014- يىلىغىچە ب د ت نىڭ پەلەستىنلىك مۇساپىرلارغا ياردەم قىلىش ئاگېنتلىقىنىڭ باش كومېسسارى، 2005 – يىلىدىن 2010- يىلىغىچە مۇئاۋىن باش كومېسسار بولۇپ ۋەزىپە ئۆتىگەنىدى.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر