ئوبامۇ Facebook قا ئەزا بولدى

ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى پىرىزېدېنتى باراك ئوبامۇ ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردىن بولغان Facebookقا ئەزا بولدى.

414603
ئوبامۇ Facebook قا ئەزا بولدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى پىرىزېدېنتى باراك ئوبامامۇ ئىجتىمائىي تاراتقۇ تور بېتى بولغان Facebook تىن بىر ھېسابات ئاچتى.
پىرىزېدېنت Facebookتا تۇنجى بولۇپ كىلىمات ئۆزگىرىشى توغرىسىدا ئۇچۇر ئورتاقلاشتى. ئوباما تۇنجى قېتىملىق بۇ ئۇچۇرىدا، ئاقساراينىڭ باغچىسىدا ماڭغاچ كىلىمات ئۆزگىرىشى ئۈستىدە توختىلىدۇ.
ئامېرىكىلىقلارنى دۇنيانىڭ تېمپېراتۇرىسىنىڭ ئىسسىپ كېتىشىگە توسالغۇ بولۇش ئۈچۈن تىرىشچانلىق كۆرسىتىشكە چاقىرغان ئوباما، پارىژدا ئۆتكۈزۈلىدىغان كىلىمات ئۆزگىرىشىگە مۇناسىۋەتلىك ئالىي دەرىجىلىك يىغىنىدىن ئىجابىي نەتىجىلەر چىقىدىغانلىقىنى ئويلايدىغانلىقىنى دەيدۇ. ئوبامانىڭ بۇ ئۇچۇرىنىڭ تۇنجى كۈنىلا 400 ئادەم كۆرگەن.
6 ئاي ئىلگىرى يەنە بىر ئىجتىمائىي تاراتقۇ تور بېتى بولغان Twitter دىن ھېسابات ئاچقان ئوباما، Twitter ھېساباتىنى ناھايىتى ئاكتىپ ئىشلىتىدۇ.
ئوبامانىڭ Twitter دا بولغىنىدەك Facebook دىمۇ مەشھۇر ئىسىملاردىن بىرى ھالىتىگە كېلىشى مۆلچەرلەنمەكتە.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر