رۇسىيە سۈرىيە مەسىلىسىدە 8 ماددىلىق تەۋسىيەنامە ھازىرلىدى

رۇسىيە تەرىپىدىن ھازىرلانغان تەۋسىيەنامە، پىرېزىدېنت سايلاملىرىغا بەششار ئەسەدنىڭمۇ قايتىدىن قاتنىشىنى، ئەمما دۆلەتنى ھەممە قوبۇل قىلىدىغان بىر كىشىنىڭ باشقۇرۇشىنى نىشان قىلىنىدۇ.

415279
رۇسىيە سۈرىيە مەسىلىسىدە 8 ماددىلىق تەۋسىيەنامە ھازىرلىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: رۇسىيە سۈرىيەدىكى تېررورلۇق گۇرۇپپىلىرىنىڭمۇ ئايرىم - ئايرىم ھالدا بېكىتىپ چىقىلىشىنى تەلەپ قىلماقتا.
غەربلىك مۇتەخەسسىسلەر بىلەن ئۆكتىچىلەرنىڭ قارىشىچە، موسكۋانىڭ تەۋسىيەلىرىدىن بىر قىسمىنى قوبۇل قىلىش مۇمكىن ئەمەس ئىكەن.
رۇسىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى بۇ ھەقتە ئېلان قىلغان باياناتىدا، مەزكۇر تەۋسىيەنامىنىڭ رەسمىي ئەمەس، پەقەت ئوتتۇرىغا تاشلانغان پىكىرلەر ئىكەنلىكىنى جاكارلىدى.
مىنىستىرلىق يەنە، سۈرىيەلىك ئۆكتىچىلەرنىڭ موسكۋادا ئۇچرىشىشلاردا بولىدىغانلىقىنى ئۇقتۇردى.
بۇ ھەپتە ئىچىدە ۋىيانادا سۈرىيە مەسىلىسى توغرۇلۇق ئۈچ تەرەپ يىغىنى چاقىرىلىدۇ.
ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى تاشقى ئىشلار مىنىستىرى جون كېرى پەيشەنبە كېچىسى ئامېرىكا تىنچلىق ئىنىستىتۇتىدا ۋاشىنگىتوننىڭ سۈرىيە سىياسىتى مەسىلىسى توغرۇلۇق دوكلات بېرىدۇ.
سۈرىيە ئالدىنقى سېپىدە بولسا سۈرىيە ئارمىيەسى ھەلەبنىڭ شىمالىدىكى بىر ھەربىي بازا ئەتراپىدا دائېشنىڭ ئۇدا 2 يىلدىن بۇيان داۋاملىشىۋاتقان قامىلىغا خاتىمە بەرگەنلىكىنى جاكارلىدى.
سۈرىيەلىك ئەسكەرلەر يۈزلەرچە دائېش مىلىتانىنى ئۆلتۈرگەنلىكلىرىنى ئىلگىرى سۈردى.
لازقىيەدە ئەننۇسرە ئالدىنقى سېپى بىلەن ئەھرارۇش شام تەشكىلاتلىرىنىڭ بومباردىمانلىرىدا ئۆلگەنلەرنىڭ سانى 23 كە يەتتى.
سۈرىيە تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، بىر ئۇنىۋېرسىتېتنىڭ ئەتراپىغا راكېتامىيۇت چۈشۈپ، 50 تىن ئارتۇق كىشى يارىلانغان.
لازقىيە يېقىنغىچە توقۇنۇشلاردىن خالىي بىر رايون ئىدى.
رۇسىيە دائىرىلىرىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ھاۋا ھۇجۇملىرىنىڭ قانچىلىك داۋاملىشىشى سۈرىيە ئارمىيەسىنىڭ غەلىبە قىلىپ قىلالماسلىقى بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك ئىكەن.
رۇس ھەربىي ئەمەلدارلار، بومباردىمان ۋە ھۇجۇملار نەتىجىسىدە دائېشنىڭ مۇداپىئە ئىستىراتېگىيەسىنى يولغا قويۇۋاتقانلىقىنى، كۈچى خورىتىلغانلىقى ئۈچۈن ماي قاچىلاش يوللىرىنى داۋاملىق ئۆزگەرتىۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈرمەكتە.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر