ئىسپانىيە ئاران 12 كۆچمەن قوبۇل قىلدى

ئىسپانىيە ئىچكى ئىشلار مىنىستىرلىقى 12 كۆچمەن قوبۇل قىلغانلىقىنى بىلدۈردى.

364941
ئىسپانىيە ئاران 12 كۆچمەن قوبۇل قىلدى

ئىسپانىيە كۆچمەن قوبۇل قىلىش پىلانى دائىرىسىدە تۇنجى بولۇپ 1ى سۈرىيەلىك، 11ى ئەرىترەلى 12 كۆچمەننى قوبۇل قىلدى.
ئىتالىيەنىڭ پايتەختى رىمدىن مادرىدتىكى ئادولفو سۇئارېز باراجاس ئايرودۇرۇمغا تۈنۈگۈن كەچتە ئايروپىلان بىلەن ئېلىپ كېلىنگەن كۆچمەنلەرنىڭ 4ى ئايال، 8ى ئەر ئىكەنلىكى بىلدۈرۈلدى.
ئىسپانىيە ئىچكى ئىشلار مىنىستىرلىقى بۇ ھەقتە بايانات بېرىپ، خەۋپسىزلىك ئىشلىرى باش كاتىپى فىرانسىسكو مارتىنېز بىلەن كۆچمەنلەر ئىدارىسى باشلىقى مارىنا دېل كوررال قاتارلىق مەسئۇللار تەرىپىدىن كۈتۈۋېلىنغان بۇ 12 نەپەر كۆچمەننىڭ، كىشىلىك ھەق ھوقۇقلىرى تەشكىلاتلىرىنىڭ ياردىمى بىلەن ئىسپانىيەنىڭ ھەر قايسى جايلىرىغا ئەۋەتىلىدىغانلىقلىرىنى ئۇقتۇردى.
تۇرالغۇ جاي، سەھىيە، ئوزۇق-تۈلۈك ۋە مائارىپ قاتارلىقلار بىلەن تەمىنلىنىدىغان بۇ كۆچمەنلەرگە، خىزمەت تېپىشى ئۈچۈن ئىسپانچە ۋە خىزمەتكە ماسلىشىش كۇرسلىرى بېرىلىدىكەن.
ئىسپانىيە ھۆكۈمىتى جۈمە كۈنى چاقىرىلغان مىنىستىرلار كېڭىشى يىغىنىدىن كېيىن ئىسپانىيەدىن پاناھلىق تىلىگەن 19 كۆچمەننىڭ ئىتالىيەدىن ئېلىپ كېلىنىدىغانلىقىنى ئۇقتۇرغانىدى. بىراق تۇنجى كەلگەن گۇرۇپپىدا 12 كىشىنىڭ بارلىقى بىلدۈرۈلدى.
ئىتالىيە بىلەن گىرېتسىيەدە تۇرۇپ پاناھلىق تىلىگەن باشقا كۆچمەنلەرنى ئىسپانىيەگە ئېلىپ كېلىشتە بەزى بىيۇكراتىك رەسمىيەتلەرنىڭ توسالغۇ بولىدىغانلىقى توغرىسىدا مەلۇمات بېرىلدى.
يەنە بىر تەرەپتىن تۈركىيە سۈرىيەدىكى ئىچكى ئۇرۇش باشلىغاندىن بۇيان ئىككى مىليوندىن ئارتۇق سۈرىيەلىك كۆچمەنگە ساھىبخانىلىق قىلماقتا.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر